12 ئەي ئوغلۇم، بۇ ھېكمەتلەردىن باشقا، يەنە بىر نەسىھەتىمگە قۇلاق سالغىن، كىتاب يېزىشنىڭ چېكى يوقتۇر. كۆپ تەتقىق قىلساڭ، تېنىڭگە ھاردۇق يېتىدۇ.
ئادەم قانچە دانا بولسا، شۇنچە كۆپ بولار ئىكەن ھەسرىتى، بىلىمى قانچە كۆپ بولسا، شۇنچە كۆپ بولار ئىكەن قايغۇسى.
ھەزرىتى ئەيسا بۇلاردىن باشقا نۇرغۇن ئىشلارنىمۇ قىلغانىدى. ئەگەر ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئايرىم-ئايرىم يېزىلغان بولسا، مېنىڭچە كىتابلار پۈتۈن دۇنياغا سىغمايتتى!
مۇقەددەس يازمىلارنى تەتقىق قىلىسىلەر، چۈنكى ئۇنىڭد ن مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئىگە بولۇشنىڭ يولىنى تاپالايمىز، دەپ قارايسىلەر. ئەجەبا، بۇ يازمىلار مېنى خۇدا ئەۋەتىدىغان قۇتقۇزغۇچى دەپ تونۇشتۇرغان ئەمەسمۇ؟!
ئۇنىڭ ھېكمەتلىك سۆزلىرى 3000غا، يازغان شېئىر-نەزمىلىرى 1005كە يەتكەنىدى.
بۇ خاتىرىلەر سىلەرنى ھەزرىتى ئەيسانىڭ قۇتقۇزغۇچى- مەسىھ، شۇنداقلا خۇدانىڭ ئوغلى ئىكەنلىكىگە ئىشەنسۇن ھەم بۇ ئارقىلىق ئۇنىڭغا باغلىنىپ ھاياتلىققا ئېرىشسۇن، دەپ يېزىلدى.