1 ياش ۋاقتىڭدىن باشلاپ ياراتقۇچىڭنى ئېسىڭدە تۇت، «كۈنلىرىمدە خۇشاللىق يوق» دەپ ئاھ ئۇرىدىغان قېرى، ئاجىز چاغلىرىڭنىڭ كېلىشىنى كۈتمە.
پايدىلىقتۇر تەربىيە ئېلىش ياشلىقتا.
ئادەم مەيلى قانچىلىك ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرسۇن ھاياتىنى خۇشاللىقتا ئۆتكۈزۈشى كېرەك. لېكىن شۇنى بىلگىنكى، گۆردىكى قاراڭغۇ كۈنلەر تېخىمۇ ئۇزۇن بولىدۇ. كەلگۈسىدە يۈز بېرىدىغان بارلىق ئىشلار بىھۇدىدۇر.
تەربىيىلە بالاڭنى توغرا يولدا مېڭىشقا، چوڭ بولغاندىمۇ شۇ يولدىن چىقماس ئۇ شۇندا.
لېكىن، ھەزرىتى ئەيسا بالىلارنى چاقىرىپ: - بالىلار ئالدىمغا كەلسۇن، ئۇلارنى توسماڭلار. چۈنكى، خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا كىرىدىغانلار دەل مۇشۇلارغا ئوخشاشلاردۇر.
كېلىڭلار ئەي بالىلىرىم، قۇلاق سېلىڭلار سۆزۈمگە، پەرۋەردىگارغا ئىخلاس قىلىشنى ئۆگىتەي سىلەرگە.
سەن بالىلىق چاغلىرىڭدىن تارتىپلا مۇقەددەس يازمىلارنى ئۆگەندىڭ. بۇ يازمىلار ساڭا ئەيسا مەسىھكە بولغان ئېتىقاد ئارقىلىق قۇتقۇزۇلۇشقا ئېلىپ بارىدىغان ئەقىل-پاراسەتنى تەقدىم قىلدى.
ئۆمرىمىز يەتمىش يىلچە بولار، سەكسەنگە ئۇلىشار ماغدۇرى بارلار. ئەمما ئەڭ ياخشى چاغلىرىمىزمۇ جاپا ۋە قايغۇدا ئۆتەر، كۈنلىرىمىز كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە تۈگەر، ھاياتىمىز ئۇچقاندەك ئۆتۈپ كېتەر.
ھەرقانداق ئىشتىن بىئارام بولما، ئازابلانما، چۈنكى ياشلىق ئۇزۇن تۇرمايدۇ، ئۇ بىھۇدىدۇر.
سۆيىمەن مەنمۇ مېنى سۆيگەنلەرنى، تاپالايدۇ تىرىشىپ ئىزدىگەنلەر مېنى،
مەن 80 ياشقا كىردىم، مەن ئۈچۈن ھازىر جاپا بىلەن راھەتنىڭ پەرقى يوق. يەپ-ئىچكەننىڭ تەمىنى سېزەلمەيمەن، ئەر-ئايال ناخشىچىلارنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىيالمايمەن. شۇنداق ئىكەن، مەن يەنە نېمىدەپ پادىشاھ ئالىيلىرىغا يۈك بولاي؟
بالا سامۇئىل كۈندىن-كۈنگە پەرۋەردىگارنىڭ ۋە كىشىلەرنىڭ زوقىنى كەلتۈرۈپ، چوڭ بولدى.
پەرۋەردىگار يۈسۈپكە يار بولۇپ، ئۇنىڭ ھەممە ئىشلىرىنى ئوڭ قىلدى. ئۇ مىسىرلىق خوجايىنىنىڭ ئۆيىدە تۇردى.
ئۇ خۇدانىڭ نەزىرىدە ئۇلۇغ بولىدۇ، ھاراق-شاراب ئىچمەيدۇ. ئۇ ئانىسىنىڭ قورسىقىدىكى ۋاقتىدىن تارتىپلا خۇدانىڭ مۇقەددەس روھىغا چۆمگەن بولىدۇ.
لېكىن پەرۋەردىگار سامۇئىلغا: «ئۇنىڭ تاشقى كۆرۈنۈشى بىلەن ئېگىز بەستىگىلا قارىمىغىن، مەن ئۇنى تاللىمىدىم. پەرۋەردىگار ئادەملەرگە ئوخشاش تاشقى كۆرۈنۈشكە ئەمەس، بەلكى قەلبكە قارايدۇ» دېدى.
يۈسۈپ مەسئۇل بولغان ئىشلارغا زىندان بېشى باش قاتۇرمايدىغان بولدى. چۈنكى پەرۋەردىگار يۈسۈپكە يار بولغاچقا، ئۇ باشقۇرغان ھەممە ئىشلار ئوڭۇشلۇق بولاتتى.
ئەي ئاتىلار، پەرزەنتلىرىڭلارنىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈرۈپ، ئۆچمەنلىك پەيدا قىلماڭلار. ئۇلارنى رەببىمىزنىڭ تەلىمى بويىچە تەربىيىلەڭلار.
خۇدا بۇ تۆت يىگىتنى ئەدەبىيات ۋە پەلسەپەدە مۇكەممەل بىلىمگە ئىگە قىلىش ئۈچۈن ئۇلارغا ئەقىل-پاراسەت ئاتا قىلدى ۋە دانىيالغا ھەر خىل غايىبانە ئالامەت ۋە چۈشكە تەبىر بېرەلەيدىغان قابىلىيەتنى بەردى.
پەرۋەردىگار، بىز سېنىڭ كۆرسەتكەن يولۇڭدا ماڭىمىز، ساڭا تەلپۈنىمىز. سېنىڭ نامىڭنى ئۇلۇغلاش قەلبىمىزنىڭ ئىستىكىدۇر.
ئۇ چاغدا سامۇئىل تېخى بالا ئىدى. ئۇ زىغىر رەختتىن تىكىلگەن روھانىيلىق پەرتۇقىنى تاقاپ، پەرۋەردىگارنىڭ خىزمىتىدە بولاتتى.
مەن سىلىنىڭ يانلىرىدىن كەتسەم، پەرۋەردىگارنىڭ روھى سىلىنى مەن بىلمەيدىغان يەرگە ئېلىپ كەتسە، مەن بېرىپ، ئاخابقا دېسەم، ئۇ سىلىنى تاپالمىسا، كىچىكىمدىن تارتىپ پەرۋەردىگارغا ئىخلاسمەن بولۇپ كەلگەن مەن خىزمەتكارلىرىنىمۇ ئۆلتۈرۈۋېتىدۇ.
شۇنىڭ ئۈچۈن مەن ئۇنى پەرۋەردىگارغا بېغىشلىدىم. ئۇ ئۆمۈرۋايەت پەرۋەردىگارغا مەنسۇپتۇر، _ دېدى. شۇنداق قىلىپ ئۇلار ئۇ يەردە پەرۋەردىگارغا ئىبادەت قىلدى.
يات خەلقلەر ئۇلارنىڭ كۈچىنى قۇرۇتتى، لېكىن ئۇلار بۇنىڭدىن خەۋەرسىز. چاچلىرى ئاقارسىمۇ، يەنىلا بۇنى ھېس قىلمايدۇ.
ئۇلارنىڭ ئاتىلىرى ماجالىدىن كەتكەنلەردۇر، ماڭا ئۇلارنىڭ نېمە پايدىسى بولسۇن؟
پۈتۈن ئىسرائىل خەلقى ھازا ئېچىپ، ئۇنى دەپنە قىلىدۇ. ياروبئامغا تەۋە كىشىلەر ئىچىدە پەقەت شۇلا قەبرىدە ياتىدۇ. چۈنكى ياروبئام جەمەتىدىن پەقەت شۇلا ئىسرائىللارنى تاللىغان پەرۋەردىگار خۇدانى خۇرسەن قىلغانىدى.
ئېسىڭلاردا بولسۇنكى، سىلەرنىڭ بايلىق تېپىش ئىقتىدارلىقىڭلارنى پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا بەرگەندۇر. ئۇ ئەجدادلىرىڭلار بىلەن قەسەم قىلىپ تۈزگەن ئەھدىسىدە چىڭ تۇرغاچقىلا، سىلەر بۈگۈنكى كۈنگە ئېرىشتىڭلار.
ئاندىن مەن ئەھۋالنى كۆزىتىپ، جامائەت ئەربابلىرى، ئەمەلدارلار ۋە قالغان خەلققە چاقىرىق قىلىپ: _ دۈشمەندىن قورقماڭلار! پەرۋەردىگارنىڭ ئۇلۇغ ۋە ھەيۋەتلىكىنى ئېسىڭلاردا تۇتۇڭلار. ئاكا-ئۇكىلىرىڭلار، بالا-چاقىلىرىڭلار، ئاياللىرىڭلار ۋە ئۆي-ماكانىڭلار ئۈچۈن كۈرەش قىلىڭلار! _ دېدىم.
ئى پەرۋەردىگار، رىئايە قىلىمەن تەلىملىرىڭگە، ياد ئېتىمەن نامىڭنى ھەربىر كېچىدە.
ئوخشىمىغان يەرلەرگە مەبلەغ سال، چۈنكى بۇ دۇنيادا بېشىڭغا قانداق بالا-قازالارنىڭ كېلىدىغانلىقىنى بىلمەيسەن.
مەن پەقەت سىلىنى ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتكۈزۈپ، ئۆزلىرىگە بىرئاز ھەمراھ بولاي دەپ ئويلىدىم. مەن ئۇنچىلىك مۇكاپاتلىنىشقا ئەرزىمەيمەن.