7 يورۇقلۇق ھۇزۇرلۇقتۇر، ئادەم قۇياشنى كۆرۈپ، كۆڭلى خۇش بولىدۇ.
دانالىق مىراستەك ياخشى نەرسىدۇر. چۈنكى ئۇ قۇياشنى كۆرۈۋاتقان بارلىق ئادەملەرگە مەنپەئەت كەلتۈرىدۇ.
شۇنداق قىلغاندا، ئەرشتىكى ئاتاڭلار خۇدانىڭ ھەقىقىي پەرزەنتلىرىدىن بولالايسىلەر. چۈنكى، خۇدا قۇياش نۇرىنى ياخشىلارغىمۇ، يامانلارغىمۇ چۈشۈرىدۇ. يامغۇرنىمۇ ئادالەتلىكلەرگىمۇ، ئادالەتسىزلەرگىمۇ ياغدۇرىدۇ.
خۇش چىراي كۆڭۈلنى شادلاندۇرار، خۇش خەۋەر ئۇستىخانغا ئەت قوندۇرار.
بىزگە قۇياش، قالقاندۇر پەرۋەردىگار ئىگىمىز، ئاتا قىلار ئۇ شان-شۆھرەت ۋە شاپائەت. دۇرۇس يولدا ماڭغانلاردىن، ئايىماس ياخشىلىقىنى تائەبەد.
گاداي ۋە ئۇنى ئەزگۈچىنىڭ ئورتاقلىقى شۇكى، پەرۋەردىگاردۇر ھەر ئىككىلىسىنىڭ كۆزىگە نۇر بەرگۈچى.
ئۇ ئىنسانلارنى گۆر ئاغزىدىن قۇتقۇزۇپ، ھاياتىنى پارلاق نۇرغا چۆمدۈرمەكتە.
گەرچە ھامىلە قۇياش نۇرىنى كۆرمىگەن ھەم ھاياتنىڭ نېمىلىكىنى بىلمىگەن بولسىمۇ، لېكىن ئىككى مىڭ يىل ياشاپ، ھاياتنىڭ خۇشاللىقىدىن ھۇزۇرلىنالمىغان باي ئادەمدىن ئۇ خاتىرجەمرەكتۇر. ھەر ئىككىلىسى يەنىلا ئوخشاش بىر يەرگە بارىدۇ ئەمەسمۇ!
چۈنكى مېنى قۇتقۇزۇپ قالدىڭ ئۆلۈمدىن، ساقلىدىڭ ھەم پۇتلىرىمنى پۇتلىشىپ كېتىشتىن. مەقسىتىڭ مېنى ئامان يۈرسۇن دەپ ئالدىڭدا، ماڭسۇن دەپ ھەم ھاياتلىق نۇرۇڭدا.
ئۇ مېنى قۇتقۇزۇپ، ئۆلۈمدىن خالاس قىلىپ، ھاياتىمغا يورۇقلۇق ئاتا قىلدى› دەيدۇ.
ئۇ چاغدا كۆزلىرىڭگە قۇياش، ئاي ۋە يۇلتۇزلار خىرەلىشىپ، ئاسمىنىڭنى قارا بۇلۇتلار قاپلىغاندەك كۆرۈنىدۇ.