3 بۇلۇتلار تويۇنسا يامغۇر ياغىدۇ. دەرەخ مەيلى قايسى تەرەپكە يىقىلسۇن، ئۇ بەرىبىر يىقىلغان يېرىدە ياتىدۇ.
ئەگەر مال-دۇنياسى بار بولغان كىشى قېرىندىشىنىڭ ئېھتىياجىنى كۆرۈپ تۇرۇپ، ئۇنىڭغا ياردەم قىلمىسا، بۇنداق كىشىدە نەدىمۇ خۇدانىڭ مېھىر-مۇھەببىتى بولسۇن؟
ئۇ كىشى باغۋەنگە: «قارا، ئۈچ يىلدىن بېرى شۇنچە كۈتسەم، بىر تالمۇ مېۋە بەرمىدى، ئۇنى كېسىۋەت! ئۇنىڭ بۇ يەردە يەر ئىگىلەپ تۇرۇشىنىڭ نېمە ھاجىتى» دەپتۇ.
ھەقىقەتەن ئۇزاق ئۆتمەي، ئاسماننى قارا بۇلۇت قاپلاپ، بوران چىقىپ، قاتتىق يامغۇر يېغىشقا باشلىدى. ئاخاب ھارۋىسىغا چىقىپ، يىزرىئەل شەھىرىگە كەتتى.
پالتا دەرەخنىڭ يىلتىزىغا يېقىنلاشقاندەك، خۇدانىڭ غەزىپى ئەمدى سىلەرگە يېتىپ كېلىش ئالدىدا. ياخشى مېۋە بەرمەيدىغان دەرەخلەر كېسىلىپ ئوتقا تاشلىنىدۇ.
ئوخشىمىغان يەرلەرگە مەبلەغ سال، چۈنكى بۇ دۇنيادا بېشىڭغا قانداق بالا-قازالارنىڭ كېلىدىغانلىقىنى بىلمەيسەن.
ھاۋا رايىغا قارىساڭ، يەرگە مەڭگۈ ئۇرۇق چاچالمايسەن. بۇلۇتلارغا قارىساڭ، مەڭگۈ ھوسۇل يىغالمايسەن.