10 ھەرقانداق ئىشتىن بىئارام بولما، ئازابلانما، چۈنكى ياشلىق ئۇزۇن تۇرمايدۇ، ئۇ بىھۇدىدۇر.
قەدىرلىك قېرىنداشلار، بۇ ۋەدىلەرگە ئېرىشكەنىكەنمىز، تەننى ۋە روھنى بۇلغايدىغان ھەرقانداق نەرسىلەردىن يىراق تۇرۇپ ئۆزىمىزنى پاك تۇتايلى. خۇدادىن ئەيمەنگەن ھالدا ئۆزىمىزنى پۈتۈنلەي خۇداغا ئاتايلى.
شۇڭا، ياشلىقنىڭ ئارزۇ-ھەۋەسلىرىدىن ئۆزۈڭنى تارت. پاك قەلب بىلەن رەببىمىزنى چاقىرغان باشقا كىشىلەر بىلەن بىللە ھەققانىيلىق، ئېتىقاد، مېھىر-مۇھەببەت ۋە ئىناقلىقنى ئىزدە.
ياش ۋاقتىڭدىن باشلاپ ياراتقۇچىڭنى ئېسىڭدە تۇت، «كۈنلىرىمدە خۇشاللىق يوق» دەپ ئاھ ئۇرىدىغان قېرى، ئاجىز چاغلىرىڭنىڭ كېلىشىنى كۈتمە.
ئىنساننىڭ قۇياشنىڭ ئاستىدىكى بۇ دۇنيادا قىلغان بارلىق ئىشلىرىنىڭ بىھۇدە ئىكەنلىكىنى، خۇددى شامالنىڭ ئارقىسىدىن قوغلىغاندەكلا بىھۇدە ئىكەنلىكىنى كۆردۈم.
«بىھۇدىدۇر، بىھۇدىدۇر، ھەممىسى بىھۇدىدۇر» دەيدۇ ھېكمەت ئىگىسى.
بىلىمەن، قىلغانسەن ئۆمرۈمنى نەچچە غېرىچلا، ئۇزۇن ئەمەستۇر ھايات يولۇم سېنىڭ ئالدىڭدا، بىرلا تىنىقتۇر ئىنسانلارنىڭ ئۆمرى پەقەتلا. سېلاھ
گەرچە ئۇنىڭ تېنى ياشلىق كۈچىگە تولغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ يەنىلا تۇپراققا كۆمۈلىدۇ.
مېنى ئەيىبلەش ئۈچۈن گۇناھلىرىمنى يېزىۋاتىسەن، ياش ۋاقتىمدا ئۆتكۈزگەن گۇناھلىرىمنى ئۈستۈمگە يۈكلەۋاتامسەن؟
ئى پەرۋەردىگار، ئېسىڭدە تۇتمىغىن ئۆسمۈرلۈكتە ئۆتكۈزگەن گۇناھ ۋە ئەيىبلىرىمنى، مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىڭدە ياد ئەتكىن مېنى، كۆرسىتىپ ماڭا مېھرىبانلىقىڭنى.
نادانلىق قاپلىغاندۇر بالىلارنىڭ قەلبىنى، نادانلىقنى قوغلىغۇچىدۇر تەربىيە تايىقى.
ياۋايى ئېشەك ئادەم تۇغسا، نادان داناغا ئايلىنىدۇ.
سايىدەك يوقىلىدۇ ئىنسانلارنىڭ ئەجىرلىرى، بىھۇدىدۇر ئۇلارنىڭ ئالدىراپ-تېنەشلىرى. بايلىق يىغار، لېكىن بىلمەس ئۇلار بايلىقلىرىنىڭ كىملەرگە قالىدىغانلىقىنى.