8 كىم ئورا كولىسا ئورىغا ئۆزى چۈشىدۇ، كىم تامنى يىقىتسا ئۇنى يىلان چاقىدۇ.
كىشىگە ئورا كولىغان ئۆزى چۈشەر، ئۆزگىگە دومىلاتقان تاش ئۆزىگە قايتار.
شۇنىڭ بىلەن موردىكاي سانجىلماقچى بولغان خادىغا ھاموننىڭ ئۆزى سانجىلدى. شۇنىڭدىن كېيىن پادىشاھنىڭ غەزىپى بېسىلدى.
ئۇلار كارمەل تېغىنىڭ چوققىسىغا چىقىۋالسىمۇ، تۇتۇپ كېلىمەن. ئەگەر ئۇلار مېنى كۆرمىسۇن دەپ دېڭىزنىڭ تېگىگە شۇڭغۇۋالسا، دېڭىز يىلىنىنى ئۇلارنى چېقىشقا ئەۋەتىمەن.
ئاشۇ كۈنى سىلەر خۇددى شىردىن قۇتۇلۇپ، ئېيىققا يولۇققان ئادەمگە، ياكى ئۆيگە ساق قايتىپ كېلىپ، تامغا يۆلىنىشىگىلا قولىنى يىلان چېقىۋالغان ئادەمگە ئوخشاپ قالىسىلەر.
ئاخىتوفەل ئۆز مەسلىھەتىنىڭ قوبۇل قىلىنمىغانلىقىنى كۆرۈپ، ئېشىكىنى توقۇپ، ئۆز يۇرتىغا قايتتى. ئائىلىسىدىكى ئىشلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن، ئېسىلىپ ئۆلۈۋالدى. جەسىتى ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ قەبرىستانلىقىغا قويۇلدى.
ئۇ ئوفراھ شەھىرىدىكى ئاتىسىنىڭ ئۆيىگە بېرىپ، ئۆز قېرىنداشلىرىنى، يەنى يېرۇببائالنىڭ 70 ئوغلىنى بىر قورام تاشنىڭ ئۈستىدە ئۆلتۈرۈۋەتتى. پەقەتلا يېرۇببائالنىڭ كىچىك ئوغلى يوتەم يوشۇرۇنىۋېلىپ قېچىپ كەتتى.
ئاندىن يوئابنىڭ ئون نەپەر قورال-ياراغ كۆتۈرگۈچىسى ئابسالومنى ئارىغا ئېلىپ، ئۇرۇپ ئۆلتۈردى.
تۇزاق قۇرار يوللىرىمغا رەقىبلىرىم، ئەلەملەردىن ئېزىلدى بۇ يۈرەكلىرىم. ئۇلار ئورا كولىۋىدى يوللىرىمغا، ئۆزلىرى چۈشتى قازغان ئورىلىرىغا. سېلاھ
دۇرۇسلارنى ھەققانىيلىقى قۇتقۇزار، ساتقۇنلار ئۆز نەپسىدىن تۇتۇلار.
تاش چاققۇچى تاشتىن يارىلىنىدۇ، ئوتۇن كەسكۈچى ئوتۇندىن.