Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ھېكمەتلەر 10:5 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

5 مەن يەنە قۇياشنىڭ ئاستىدىكى بۇ دۇنيادا ھۆكۈمدارنىڭ خاتالىقىدىن كېلىپ چىققان ئازابلىق بىر ئىشنى كۆردۈم.

Gade chapit la Kopi




ھېكمەتلەر 10:5
10 Referans Kwoze  

مەن قۇياشنىڭ ئاستىدىكى بۇ دۇنيادا كۆرگەن ئەڭ ئازابلىق ئىشلارنىڭ بىرى بەزىلەرنىڭ توپلىغان بايلىقلىرىنىڭ ئۆزلىرىنى زىيان-زەخمەتكە ئۇچرىتىشىدۇر.


قۇياشنىڭ ئاستىدىكى بۇ دۇنيادا يۈز بەرگەن ئىشلارنىڭ ئىچىدە ئادەمنى ئازابلايدىغان بىر ئىش شۇكى، ھەممە ئادەمنىڭ تەقدىرىنىڭ ئاخىرقى ھېسابتا ئوخشاش بولۇشىدۇر. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئىنسانلار ھايات ۋاقتىدا ھاياتى رەزىللىككە، قەلبلىرى ئەخمەقلىقكە تولغان بولىدۇ، ئاندىن بۇ ئالەمدىن كېتىدۇ.


مەن قۇياشنىڭ ئاستىدىكى بۇ دۇنيادا ئىنسانلارنى بېسىپ تۇرىدىغان قاتتىق ئازابلىق بىر ئىشنى كۆردۈم.


مەن قۇياشنىڭ ئاستىدىكى بۇ دۇنيادا يەنە بىر بىھۇدە ئىشنى كۆردۈم.


مەن يەنە قۇياشنىڭ ئاستىدىكى بۇ دۇنيادا يۈز بېرىۋاتقان زۇلۇملارنى، ئېزىلگۈچىلەرنىڭ كۆز ياشلىرىنى كۆردۈم. لېكىن ھېچكىم ئۇلارغا تەسەللى بېرەلمەيدىكەن، ئەزگۈچىلەر قۇدرەتلىك بولغاچقا ھېچكىم ئېزىلگۈچىلەرگە تەسەللى بېرەلمەيدىكەن.


مەن يەنە قۇياشنىڭ ئاستىدىكى بۇ دۇنيادا، مەيلى سوت ئۈستىدە بولسۇن ياكى ئادالەت ھۆكۈم سۈرگەن جايدا بولسۇن، رەزىللىكنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى كۆردۈم.


جاھاننى قاپلار تەنتەنە ھەققانىيلار ھوقۇق تۇتسا، ئادەملەر ئۆزىنى قاچۇرار يامانلار ھاكىمىيەت يۈرگۈزسە.


ئەگەر بىر ئەمەلدار ساڭا ئاچچىقلانغان بولسا، بۇنىڭلىق بىلەن ئىش ئورنۇڭنى تاشلىما، چۈنكى تەمكىنلىك ئادەمنى چوڭ خاتالىقتىن قۇتقۇزۇپ قالىدۇ.


ئۇ بولسىمۇ نادانلارنىڭ يۇقىرى ئورۇنلارغا چىقىپ، دانا بايلارنىڭ پەس ئورۇنلارغا چۈشۈپ قېلىشىدۇر.


ھەشەمەتلىك تۇرمۇش ئەخمەققە ياراشماس، قۇلنىڭ ھۆكۈمدارلار ئۈستىدىن ھۆكۈم سۈرۈشى تېخىمۇ قاملاشماس.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite