20 پادىشاھنى ھەتتا خىيالىڭدىمۇ تىللىما، باينى ھۇجراڭدىمۇ تىللىما، چۈنكى قۇشلار سېنىڭ نېمە ئويلاۋاتقانلىقىڭنى يەتكۈزۈپ قويۇشى، ئۇچار-قاناتلىقلار سېنىڭ سۆزلىرىڭنى دەپ قويۇشى مۇمكىن.
پاۋلۇس: - مېنى كەچۈرۈڭلار! مەن ئۇنىڭ باش روھانىي ئىكەنلىكىنى بىلگەن بولسام، ئۇنداق دېمەيتتىم. چۈنكى تەۋراتتا: «خەلقىڭنى ئىدارە قىلىدىغان باشلىققا تۆھمەت قىلما!» دېيىلگەن، - دېدى.
كۇپۇرلۇق قىلماڭلار، خەلقنىڭ يېتەكچىلىرىنى قارغىماڭلار.
ئۇنىڭ بىر ئەمەلدارى: _ ئالىيلىرى، ھېچقايسىمىز ئەمەس. ئىسرائىلىيەدىكى پەيغەمبەر ئېلىشا ئۆزلىرىنىڭ ھۇجرا ئۆيلىرىدە قىلغان سۆزلىرىنى ئاڭلىۋېلىپ، ئۇنى ئىسرائىلىيە پادىشاھىغا ئېيتىدۇ، _ دېدى.
- ئۇلار جىم تۇرغان تەقدىردىمۇ، بۇ تاشلار چېغىدا خۇدانى مەدھىيىلەپ چۇقان سېلىشقان بولاتتى، - دېدى ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا.
ئۆيدىكى ئىشلارنىڭ كۆپلۈكىدىن پايپېتەك بولۇپ يۈرگەن مارتا ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئالدىغا كېلىپ: - ئى رەببىم، سىڭلىم مەريەم شۇنچە كۆپ ئىشلارنى ماڭىلا تاشلىۋەتتى، ئۇنى ماڭا ياردەملەشتۈرگەيسىز! - دېدى.
ئۇلار بۇ زېمىندا قاتتىق ئازابلىنىدۇ، ئاچ-يالىڭاچ قالىدۇ. بۇ چاغدا ئۇلار قاتتىق غەزەپلىنىپ، ئاسمانغا قاراپ پادىشاھىغا ۋە خۇداغا لەنەت ئوقۇيدۇ.
نىل دەرياسى پاقىغا تولۇپ كېتىدۇ. پاقىلار دەريادىن چىقىپ ئورداڭغا، ھۇجراڭغا، ھەتتا تۆشەكلىرىڭگە كىرىدۇ. ئەمەلدارلىرىڭنىڭ ۋە خەلقىڭنىڭ ئۆيلىرىگە، ھەتتا ئوچاقلىرىغا، تەڭنىلىرىنىڭ ئىچىگىمۇ كىرىدۇ.
چۈنكى ئۇلار پەقەت شۇ چاپان بىلەنلا ئىسسىنىشىدۇ. بۇ چاپان بولمىسا، ئۇلار نېمىنى يېپىنچا قىلىپ ئۇخلىسۇن؟ ناۋادا ئۇلار ماڭا نالە قىلىپ ياردەم تىلىسە، ئۇلارنىڭ نالىسىنى ئاڭلايمەن، چۈنكى مەن رەھىمدىلدۇرمەن.
موردىكاي بۇ سۇيىقەستنى بىلىپ قېلىپ، خانىش ئەستىرگە مەلۇم قىلدى. ئەستىر بۇ ئىشنى موردىكاينىڭ نامىدا پادىشاھقا يەتكۈزدى.