Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ھېكمەتلەر 10:16 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

16 بىر دۆلەتنىڭ پادىشاھى ياش ۋە بىلىمسىز بولۇپ، ۋەزىر-ۋۇزرالىرى بەزمىكەش بولسا، دۆلەت زاۋاللىققا يۈزلىنىدۇ.

Gade chapit la Kopi




ھېكمەتلەر 10:16
16 Referans Kwoze  

بالىلار خەلقىمگە زۇلۇم سالىدۇ، ئاياللار ئۇلار ئۈستىدىن ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ. ئاھ خەلقىم، يولباشچىلىرىڭلار سىلەرنى ئازدۇرىدۇ، سىلەر گاڭگىراپ قېلىپ، توغرا يولنى تاپالمايسىلەر.


ئى پادىشاھ داۋۇتنىڭ ئەۋلادلىرىدىن بولغان خان جەمەتى، پەرۋەردىگار سىلەرگە دەيدۇكى، ھەر كۈنى ئادىللىق بىلەن ھۆكۈم چىقىرىڭلار. بۇلاڭچىلىققا ئۇچرىغانلارنى زالىملارنىڭ قولىدىن قۇتقۇزۇڭلار. ئۇنداق بولمايدىكەن، قىلغان رەزىل ئىشلىرىڭلار تۈپەيلىدىن غەزىپىم خۇددى يالقۇنلاپ كۆيۈۋاتقان ئوتتەك سىلەرنى كۆيدۈرۈپ تاشلايدۇ، ھېچكىم بۇنى ئۆچۈرەلمەيدۇ.


ئۇنىڭ ئەتراپىغا بىر تۈركۈم مۇتتەھەملەر يىغىلىپ، سۇلايماننىڭ ئوغلى رىخوبئام بىلەن قارشىلاشتى. ئۇ چاغدا رىخوبئام تېخى ياش، تەجرىبىسىز بولۇپ، قارشى تۇرۇشقا كۈچى يوق ئىدى.


يىھوياكىن تەختكە چىققان چاغدا 18 ياشتا ئىدى. ئۇ يېرۇسالېمدا ئۈچ ئاي ئون كۈن ھۆكۈمرانلىق قىلدى. يىھوياكىن پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يامان بولغان ئىشلارنى قىلدى.


يىھوياقىم تەختكە چىققان چاغدا 25 ياشتا ئىدى. ئۇ يېرۇسالېمدا 11 يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى. ئۇ پەرۋەردىگار خۇدانىڭ نەزىرىدە يامان بولغان ئىشلارنى قىلدى.


يوئاخاز تەختكە چىققان چاغدا 23 ياشتا ئىدى. ئۇ يېرۇسالېمدا ئۈچ ئاي ھۆكۈمرانلىق قىلدى.


زىدقىيا تەختكە چىققان چاغدا 21 ياشتا ئىدى. ئۇ يېرۇسالېمدا 11 يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى.


ئەقىلسىز ھۆكۈمدار قاتتىق زالىملىق سالار، ھارام بايلىقتىن نەپرەتلەنگەننىڭ ئۆمۈرى ئۇزىرار.


نادان ئادەمنىڭ جاپالىق ئىشلىرى ئۇنى شۇنداق چارچىتىۋېتىدۇكى، ھەتتا ئۇ شەھەرگە بارىدىغان يولنىمۇ تاپالمايدۇ.


ئاتام سىلەرگە ئېغىر يۈك ئارتقان بولسا، مەن ئۇنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرىمەن. ئاتام سىلەرنى قامچا بىلەن ئۇرغان بولسا، مەن سىلەرنى چايانلارغا چاقتۇرىمەن» دېسىلە، _ دەپ جاۋاب بېرىشتى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite