14 نادانلار ۋالاقلاپ توختىمايدۇ. ھېچكىم كەلگۈسىدىكى ئىشلارنى بىلمەيدۇ، ئادەم ئۆلگەندىن كېيىن نېمە ئىشلارنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقىنى ھېچكىم دەپ بېرەلمەيدۇ.
دانالارنىڭ سۆزى بىلىمگە جەلپ قىلار، ئەخمەقلەرنىڭ ئاغزىدىن نادانلىق ياغار.
ھېچكىم كەلگۈسىنى بىلمەيدۇ، نېمە ئىشلارنىڭ بولىدىغانلىقىنى ھېچكىم ئېيتىپ بېرەلمەيدۇ.
ئىنساننىڭ ھاياتى خۇددى بىر كۆلەڭگىگە ئوخشايدۇ. كىممۇ قىسقا، بىھۇدە ھاياتىنى قانداق قىلغاندا ياخشى ئۆتكۈزگىلى بولىدىغانلىقىنى بىلەلەيدۇ؟ ئىنسان ئۆلگەندىن كېيىن، قۇياشنىڭ ئاستىدىكى بۇ دۇنيادا نېمە ئىشلارنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقىنى كىم ئېيتىپ بېرەلەيدۇ؟
ئادەمدە تەشۋىش كۆپ بولسا، يامان چۈشمۇ كۆپ بولىدۇ، سۆز كۆپ بولسا، نادانلىق ئاشكارىلىنىپ قالىدۇ.
شۇنى ئېنىق بىلدىمكى، ئىنسان ئۈچۈن ئۆز مېھنىتىدىن خۇشاللىق تېپىشتىن باشقا ياخشىراق نەرسە يوق ئىكەن، چۈنكى بۇ ئىنساننىڭ نېسىۋىسىدۇر. ئادەم ئۆلگەندىن كېيىن، نېمە ئىشلارنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقىنى كىممۇ ئۇنىڭغا ئېيتىپ بېرەلىسۇن؟
گۇناھتىن خالىي بولماس كۆپ سۆزلەيدىغان، دانادۇر تىلىنى تارتقان.
ئەي ئايۇپ، سېنىڭ ئېغىز ئېچىپ بۇلارنى دېيىشىڭ بىمەنىلىكتۇر، كۆپ سۆزلىرىڭ ئەھمىيەتسىزدۇر!»
ئايۇپ ئاسىيلىق قىلىپ، گۇناھىغا يەنە گۇناھ قوشتى، ئۇ ئارىمىزدا تۇرۇپ خۇدانى مەسخىرە قىلىپ، ئۇنىڭغا قارشى نۇرغۇن سۆزلەرنى قىلدى.›»
ئىشلىرىڭ راۋان ۋاقتىدا خۇشال بولغىن، لېكىن قىيىنچىلىققا ئۇچرىغاندا، خۇشاللىق ۋە قىيىنچىلىقنىڭمۇ خۇدادىن كېلىدىغانلىقىنى ئۇنتۇما. كەلگۈسىدە نېمە ئىشلارنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقىنى ھېچكىم بىلەلمەيدۇ.
مەن دۇنيادا بولۇۋاتقان ئىشلارنى كۆڭۈل قويۇپ، ئەستايىدىل كۆزەتتىم. ھەققانىي ۋە دانا ئادەملەرنىڭ ھەمدە ئۇلارنىڭ ئىش-ھەرىكەتلىرىنىڭ خۇدانىڭ ئىلكىدە ئىكەنلىكىنى بىلدىم. لېكىن ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئىش-ھەرىكەتلىرىنىڭ ياخشى كۆرۈلىدىغان ياكى كۆرۈلمەيدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ، چۈنكى بۇ كەلگۈسىدە بولىدىغان ئىشلار.
نادان ئادەمنىڭ جاپالىق ئىشلىرى ئۇنى شۇنداق چارچىتىۋېتىدۇكى، ھەتتا ئۇ شەھەرگە بارىدىغان يولنىمۇ تاپالمايدۇ.
سېنىڭ مەغرۇرلىنىپ، مەن ھەققىدە قىلغان نۇرغۇن يامان سۆزلىرىڭنى ئاڭلىدىم.