13 نادانلارنىڭ سۆزى نادانلىق بىلەن باشلىنىپ، رەزىللىك ۋە تەلۋىلىك بىلەن ئاخىرلىشىدۇ.
ئاقىل ئەخمەق بىلەن دەۋاغا چۈشكىنىدە، تىنچلىق بولماس، ئەخمەق ھۈرپىيىپ قىلار مەسخىرە.
ئالىي روھانىيلار بولسا لازارنىمۇ ئۆلتۈرۈشنى قەستلىدى.
ھېلىقى پەرىسىي ئۇنىڭ تاماقتىن ئىلگىرى قول يۇيۇش دىنىي قائىدىسىنى ئادا قىلمىغانلىقىنى كۆرۈپ، ئىنتايىن ھەيران بولدى.
ئەمما، تەۋرات ئۇستازلىرى ۋە پەرىسىيلەر ئىنتايىن غەزەپلىنىپ، ھەزرىتى ئەيساغا قانداق تاقابىل تۇرۇش توغرىسىدا مەسلىھەتكە چۈشتى.
بۇنى كۆرگەن بەزى پەرىسىيلەر: - سىلەر نېمىشقا دەم ئېلىش كۈنى چەكلەنگەن ئىشنى قىلىسىلەر، - دېيىشتى.
ھىرود پادىشاھ مۇنەججىملەرگە ئالدانغانلىقىنى سېزىپ، قاتتىق غەزەپلەندى. ئۇ مۇنەججىملەرنىڭ ئېيتقانلىرىغا ئاساسەن بوۋاقنىڭ يېشىنى ھېسابلاپ چىقىپ، بەيتلەھەم يېزىسى ۋە يېقىن ئەتراپتىكى ئىككى ياش ۋە ئۇنىڭدىن تۆۋەن ياشتىكى ئوغۇل بالىلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆلتۈرۈش توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈردى.
پادىشاھ: _ ئەگەر شافاتنىڭ ئوغلى ئېلىشانىڭ كاللىسى بۈگۈن ئۇنىڭ تېنىدە قالىدىغان بولسا، خۇدا مېنى قاتتىق جازالىسۇن! _ دېدى.
پادىشاھ: _ پەرۋەردىگار ساڭا ياردەم بەرمىسە، مەن ساڭا قانداق ياردەم بېرەلەيمەن؟ خاماندىمۇ، ئۈزۈم ئېزىش كۆلچىكىدىمۇ ھېچنېمە قالمىدى، _ دېدى.
لېكىن ئابسالومغا ئەگەشكەن ئىسرائىللار پادىشاھنىڭ يېنىغا كېلىپ، نارازىلىق بىلدۈرۈپ: _ نېمە ئۈچۈن بۇرادەرلىرىمىز بولغان يەھۇدا قەبىلىسىدىكىلەر سىلىنى ئادەملىرى ۋە خوتۇن، بالا-چاقىلىرى بىلەن بىرلىكتە يوشۇرۇن دەريادىن ئۆتكۈزىدۇ؟ _ دېيىشتى.
تۆتىنچى كۈنىگە كەلگەندە، ئۇلار شىمشوننىڭ ئايالىغا: _ سەن ئېرىڭنى ئالداپ-سالداپ، بىزگە تېپىشماقنىڭ جاۋابىنى ئۇقۇپ بەر! ئۇنداق قىلمىساڭ، سېنى ئاتاڭنىڭ ئۆيى بىلەن قوشۇپ كۆيدۈرۈۋېتىمىز. ئەجەبا سىلەر بىزنى مال-مۈلكىمىزدىن ئايرىلىپ قالسۇن دەپ، بۇ يەرگە چاقىرغانمۇ؟! _ دېيىشتى.
مەن چۈشىنىشكە پۈتۈن زېھنىمنى بېرىپ، دانالىقنى ئىزدەپ تاپماقچى ۋە بارلىق ئىشلارنىڭ مەنىسىنى چۈشەنمەكچى بولدۇم. مەن يەنە رەزىللىكنىڭ شۇنچىلىك نادانلىق، ئەخمەقلىقنىڭ شۇنچىلىك تەلۋىلىك ئىكەنلىكىنى چۈشىنىشكە تىرىشتىم.
نادانلار ۋالاقلاپ توختىمايدۇ. ھېچكىم كەلگۈسىدىكى ئىشلارنى بىلمەيدۇ، ئادەم ئۆلگەندىن كېيىن نېمە ئىشلارنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقىنى ھېچكىم دەپ بېرەلمەيدۇ.
زېرەك بىلىمىگە تايىنىپ ئىش قىلار، ھاماقەت ئۆز نادانلىقىنى ئاشكارىلار.
خۇدانىڭ ئالدىدا يېنىكلىك قىلما، ئالدىراپ ۋەدە بەرمە. چۈنكى خۇدا ئاسماندا، سەن يەردە. شۇڭا سۆزۈڭنىڭ ئاز بولغىنى ياخشى.