Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ھېكمەتلەر 10:12 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

12 دانالارنىڭ تىلى ئۆزلىرىنى ھۆرمەتكە سازاۋەر قىلىدۇ، نادانلارنىڭ تىلى ئۆزىنى نابۇت قىلىدۇ.

Gade chapit la Kopi




ھېكمەتلەر 10:12
36 Referans Kwoze  

ئۇلارغا قىلغان گەپ-سۆزلىرىڭلار ھەمىشە يېقىملىق، ئۇلارنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان بولسۇن. شۇنداق بولغاندا، ھەربىر ئادەمگە قانداق يول بىلەن جاۋاب بېرىشنى بىلىۋالالايسىلەر.


بۇنى ئاڭلىغان كۆپچىلىك ئۇنىڭ ياخشى گېپىنى قىلىشتى ۋە ئۇنىڭ مېھىر-شەپقەتلىك سۆزلىرىگە ھەيران قېلىشتى. بىراق، بەزىلەر: - قانداق گەپ؟ بۇ يۈسۈپنىڭ ئوغلى ئەمەسمۇ؟ - دېيىشتى.


دىل پاكلىقىنى سۆيىدىغان ۋە سۆزلىرى يېقىملىق كىشى، بولار پادىشاھنىڭ دوستى.


دانالارنىڭ سۆزى بىلىمگە جەلپ قىلار، ئەخمەقلەرنىڭ ئاغزىدىن نادانلىق ياغار.


ئاغزىڭلاردىن ھەرگىز يامان سۆزلەر چىقمىسۇن. ئاڭلىغۇچىلارنىڭ ئېھتىياجىغا قاراپ، ئۇلارغا پايدىلىق بولسۇن دەپ، مېھىر-شەپقەتلىك سۆزلەرنى قىلىڭلار.


«ئەي يامان چاكار، سېنى ئاغزىڭدىن چىققان سۆزلىرىڭ بويىچە جازالايمەن. سەن مېنىڭ تېرىماي تۇرۇپ يىغىۋالىدىغان، ئۆزۈمنىڭ بولمىغاننى ئېلىۋالىدىغان قاتتىق ئادەم ئىكەنلىكىمنى بىلىپ تۇرۇپ،


ياخشى ئادەم قەلبىدىكى ياخشىلىقىدىن ياخشىلىق چىقىرىدۇ. يامان ئادەم قەلبىدىكى يامانلىقىدىن يامانلىق چىقىرىدۇ.


ئۇ دانالىق بىلەن سۆزلەر، مېھرىبانلارچە نەسىھەت بېرەر.


پەند-نەسىھەت ئەخمەقنىڭ ئاغزىدىكى، گويا مەست شىلتىۋاتقان تىكەنلىك شاخ كەبى.


ساختا گۇۋاھلىق بەرگۈچى جازالانماي قالماس، يالغان ئېيتقۇچىمۇ قېچىپ قۇتۇلالماس.


جايىدا بېرىلگەن جاۋاب كىشىنى خۇش قىلۇر، دەل ۋاقتىدا قىلغان سۆز نەقەدەر ياخشىدۇر!


ئويلىمايلا قىلغان سۆز قىلىچتەك تىقىلار، دانالارنىڭ سۆزى داۋا بولار.


غەرەزلىك كۆز قىسقان غەم-قايغۇنى كەلتۈرۈپ چىقىرار، ئەخمەقلەرچە سۆزلىگەن بالادا قالار.


قەلبىدە دانالىق بولغان نەسىھەتنى قوبۇل قىلار، ئەخمەقلەرچە سۆزلىگەن بالاغا قالار.


تەھدىتلىرى مېنى قورشىۋالغانلارنىڭ، يانسۇن ئۆز بېشىغا ئۇلارنىڭ.


تىللىرىدىن ئىلىنىپ گۇمران بۇلار، ئۇلارنى كۆرگەنلەر مەسخىرە قىلار.


ھەققانىيلارنىڭ سۆزلىرى دانا بولۇر، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئادىل بولۇر.


لېكىن مەن سىلەرگە ئىلھام بېرىدىغان سۆزلەرنى قىلىپ، تەسەللىلىرىم بىلەن ئازابىڭلارنى يەڭگىللىتەتتىم.


داۋۇت: _ قان تۆككەنلىكىڭ ئۆزۈڭنىڭ بېشىغا چىقتى، چۈنكى سەن پەرۋەردىگار تاللىغان پادىشاھنى ئۆلتۈرگەنلىكىڭنى ئىقرار قىلىپ، ئۆزۈڭگە ئۆزۈڭ قىلدىڭ، _ دېدى.


«نادان ھۇرۇنلۇقىدىن ئۆزىنى خاراب قىلىدۇ.»


دانا ئادەمنىڭ سەمىمىي سۆزلىرىنى ئاڭلا، نادان ھۆكۈمدارنىڭ ۋارقىراشلىرىغا قۇلاق سالما.


دانالارنىڭ سۆزلىرى خۇددى پادىچىلارنىڭ قولىدىكى تاياققا ئوخشايدۇ، ئۇلارنىڭ توپلانغان ھېكمەتلىرى خۇددى تاياققا چىڭ قېقىلغان مىخلارغا ئوخشايدۇ. بۇ ھېكمەتلەرنى پادىچىسى بەرگەندۇر.


خۇدانىڭ ئالدىدا يېنىكلىك قىلما، ئالدىراپ ۋەدە بەرمە. چۈنكى خۇدا ئاسماندا، سەن يەردە. شۇڭا سۆزۈڭنىڭ ئاز بولغىنى ياخشى.


ئاغزىڭدىن گۇناھقا قالما، خۇدانىڭ روھانىيلىرىغا ئورۇنسىز ۋەدە بەرمە. شۇنداق قىلساڭ، خۇدانىڭ غەزىپىنى قوزغايسەن. نېمىشقا ئۆز قوللىرىڭ بىلەن قىلغان ئىشلىرىڭنى يوققا چىقارغۇدەكسەن؟!


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite