11 يىلان ئويناتقۇچىنى يىلان ئوينىتىشتىن ئىلگىرى يىلان چېقىۋالسا، ئۇنداقتا يىلان ئويناتقۇچىنىڭ ماھارىتىنىڭ ئەھمىيىتى قالمايدۇ.
پەرۋەردىگار خەلقىگە مۇنداق دېدى: «ھەقىقەتەن شۇنداق! مەن سىلەرگە قارشى دۈشمەنلەرنى ئەۋەتىمەن. ئۇلار خۇددى زەھەرلىك يىلانلارغا ئوخشايدۇ، ئۇلارنى ئەپسۇن بىلەنمۇ ھەيدىۋەتكىلى بولمايدۇ، ئۇلار سىلەرنى ۋەيران قىلىدۇ.»
تىل دەل شۇ ئوت ئۇچقۇنىغا ئوخشايدۇ. ئۇ ھەر خىل قىلمىشنىڭ مەنبەسى ۋە ئەزالىرىمىز ئىچىدىكى بۇزغۇنچى بولۇپ، پۈتۈن بەدىنىمىزنى بۇلغىيالايدۇ. بۇ ئوت دوزاخ ئوتىدىن يېقىلسا، ھاياتىمىزنى ۋەيران قىلىۋېتەلەيدۇ.
ھايات-مامات تىلنىڭ ئىلكىدە بولار، ئۇنى سۆيگەن ئۇنىڭ مېۋىسىدىن ھوسۇل ئالار.
بەئەينى شەمشەر كەبى ئۆتكۈر ئۇلارنىڭ تىللىرى، خۇددى ئوقيادەك بەتلەكلىك ئۇلارنىڭ زەھەر سۆزلىرى.
تىلىڭ ئىتتىك، ئوخشار ئۆتكۈر ئۇستىرىغا، ئۇ ئىستەر ۋەيران قىلىشنى، ماھىردۇر يالغانچىلىققا.
ئەمما تىلنى ھېچكىم تىزگىنلىيەلمەيدۇ. تىل تىزگىنلىگىلى بولمايدىغان بىر ئوسال نەرسە بولۇپ، ئۇ خۇددى جانغا زامىن بولىدىغان زەھەرگە ئوخشايدۇ.
گاللاشقان پالتاڭنى بىلىمىسەڭ، تېخىمۇ كۆپ كۈچۈڭ كېتىدۇ، دانالىق ئادەمنى مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتۈرىدۇ.
ئى خۇدا، ئۇرۇپ سۇندۇرۇۋەتكىن ئۇلارنىڭ چىشلىرىنى، ئى ئىگەم، يۇلۇۋەتكىن ئۇ شىرلارنىڭ توڭكاي چىشلىرىنى.