6 شىمالدىن چىققان شامال جەنۇبقا كېتەر، ئۇ يەنە جەنۇبتىن شىمالغا كېتەر، تەكرار-تەكرار ئايلىنىپ، ئۇ شۇ تەرىقىدە دەۋر قىلار.
شامال خالىغان يېرىدە چىقىدۇ، سىز ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلايسىز، لېكىن قەيەردىن كېلىپ، قەيەرگە كېتىدىغانلىقىنى بىلەلمەيسىز. شۇنىڭغا ئوخشاش، خۇدانىڭ روھىنىڭ كىشىلەرگە قانداق قىلىپ ھاياتلىق ئاتا قىلىدىغانلىقىنىمۇ بىلەلمەيسىز.
شامالنىڭ يۆنىلىشىنى، ئانىنىڭ قورسىقىدا ھامىلىنىڭ قانداق شەكىللىنىشىنى بىلگىلى بولمىغاندەك، ياراتقۇچى خۇدانىڭ ئىشلىرىنى بىلگىلى بولماس.
ئۇ بوراننى توختاتتى، دولقۇنلارمۇ تىنچىدى.
ئەمرى بىلەن ھۆركىرىتىپ بورانلارنى، پەيدا قىلغانىدى ئۇ دولقۇنلارنى.
جەنۇب شامىلى زېمىننى ئىسسىتقاندا، كىيىم بىلەن تەرلەپ كېتىسەن، بۇنىڭ نېمە ئۈچۈنلۈكىنى بىلەمسەن؟
بوران-چاپقۇن جەنۇبىي ئوردىسىدىن كەلسە، سوغۇق ئېقىم شىمالدىن كېلەر.
ئۇنداق ئىمارەت بوران، يامغۇر ۋە كەلكۈننىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغاندا ئۆرۈلۈپ كېتىدۇ، ئۆرۈلگەندىمۇ ئىنتايىن پاجىئەلىك ئۆرۈلىدۇ!
- دېمەك، بۇ سۆزلىرىمنى ئاڭلاپ ئەمەل قىلغانلار ئىمارەتنى قورام تاش ئۈستىگە سالغان ئەقىللىق كىشىلەرگە ئوخشايدۇ.
بىراق پەرۋەردىگار دېڭىزغا كۈچلۈك بوران ئەۋەتتى. دېڭىزدا دەھشەتلىك بوران چىقىپ، دولقۇن كۆتۈرۈلۈپ، كېمىنى پارچىلىۋەتكىلى تاس قالدى.
دەريالار ئاقار دېڭىزغا، لېكىن دېڭىز توشماس ئەسلا. دەريالار ئايلىنىپ ئاخىر قايتار ئۆز ماكانىغا.