Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ھېكمەتلەر 1:17 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

17 مەن يەنە كۆڭۈل قويۇپ، دانالىقنى، نادانلىق ۋە ئەخمەقلىقنى چۈشىنىشكە تىرىشتىم. ئاخىرى شۇنى بىلدىمكى، بۇمۇ خۇددى شامالنىڭ ئارقىسىدىن قوغلىغاندەكلا بىھۇدىلىك ئىكەن.

Gade chapit la Kopi




ھېكمەتلەر 1:17
14 Referans Kwoze  

چوڭقۇر ئويلانغاندىن كېيىن، ئۆزۈمنى شاراب بىلەن خۇش قىلىپ باقماقچى بولدۇم. ئۆزۈمنى نادان تۇتماقچى بولساممۇ، لېكىن قەلبىم مېنى يەنىلا دانالىققا باشلىدى. ئاسماننىڭ ئاستىدىكى بۇ دۇنيادا، ئىنسان قىسقا ھاياتىدا نېمە ئىشلارنى قىلسا پايدىلىق بولىدىغانلىقىنى بىلمەكچى بولدۇم.


ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈپ، ھەقىقەتەن خۇدادىن كەلگەن ياكى كەلمىگەنلىكىنى پەرق ئېتىپ، خۇدادىن كەلگەن ۋەھىينى قوبۇل قىلىڭلار.


شۇنىڭ ئۈچۈن مەن ھاياتتىن نەپرەتلەندىم، چۈنكى قۇياشنىڭ ئاستىدىكى بۇ دۇنيادا يۈز بەرگەن ھەربىر ئىشلار ماڭا قايغۇلۇق بىلىندى. بارلىق ئىشلار خۇددى شامالنىڭ ئارقىسىدىن قوغلىغاندەكلا بىھۇدىلىك ئىكەن.


مەن يەنە شۇنى كۆردۈمكى، ئىنسانلارنىڭ ئارىسىدىكى ھەسەتخورلۇق ئۇلارنىڭ جاپالىق ئىشلىشىگە ۋە ماھارەت يېتىلدۈرۈشىگە تۇرتكە بولۇپتۇ. بۇمۇ خۇددى شامالنىڭ ئارقىسىدىن قوغلىغاندەكلا بىھۇدىلىك ئىكەن.


«بىراق ئارامخۇدا تاپقان بىر قولدىكى ئاز نەرسە، شامالنىڭ ئارقىسىدىن قوغلاپ، جاپالىق ئىشلەپ تاپقان ئىككى قولدىكى جىق نەرسىدىن ئەۋزەلدۇر.»


ئۆزۈڭدە بار نەرسىلەرگە رازى بولۇش يوق نەرسىلەرگە ئىنتىلىشتىن ياخشىدۇر. بۇنداق ئىنتىلىش خۇددى شامالنىڭ ئارقىسىدىن قوغلىغاندەكلا بىھۇدىلىكتۇر.


قۇياشنىڭ ئاستىدىكى بۇ دۇنيادا يۈز بەرگەن ئىشلارنىڭ ئىچىدە ئادەمنى ئازابلايدىغان بىر ئىش شۇكى، ھەممە ئادەمنىڭ تەقدىرىنىڭ ئاخىرقى ھېسابتا ئوخشاش بولۇشىدۇر. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئىنسانلار ھايات ۋاقتىدا ھاياتى رەزىللىككە، قەلبلىرى ئەخمەقلىقكە تولغان بولىدۇ، ئاندىن بۇ ئالەمدىن كېتىدۇ.


مەن بۇلارنى چۈشىنىشكە تىرىشقاندا بۇلار شۇنچە ئېغىر بىلىندى ماڭا.


چۈنكى ئادەم بىلەن ھايۋاننىڭ دۇچ كېلىدىغان قىسمىتى ئوخشاش. مەيلى ئۇ بولسۇن، مەيلى بۇ بولسۇن، ھەر ئىككىلىسى ئوخشاشلا ئۆلىدۇ، ئوخشاشلا نەپەسكە تايىنىپ ياشايدۇ. ئادەم ھايۋاندىن ئۈستۈن ئەمەس. ھايات ھەقىقەتەن بىھۇدىلىكتۇر.


مەن كۆڭۈل قويۇپ، دانالىقنى بىلىشكە ۋە بۇ دۇنيادىكى كىشىلەرنىڭ قىلىۋاتقان ئىشلىرىنى ھەتتا كېچىلىرىمۇ ئۇخلىماي قىلىۋاتقان بارلىق ئىشلىرىنى چۈشىنىشكە تىرىشتىم.


«بىھۇدىدۇر، ھەممىسى بىھۇدىدۇر» دەيدۇ ھېكمەت ئىگىسى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite