Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ھېكمەتلەر 1:16 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

16 كۆڭلۈمدە ئۆزۈمگە شۇنداق دېدىم: «مەن دانالىقتا يېرۇسالېمنىڭ مەندىن بۇرۇن ئۆتكەن ھەرقانداق بىر ھۆكۈمرانىدىن ئېشىپ كەتتىم. دانالىق ۋە ئىلىمدە ناھايىتى كۆپ تەجرىبىگە ئېرىشتىم.»

Gade chapit la Kopi




ھېكمەتلەر 1:16
20 Referans Kwoze  

بۈيۈكلۈكتە يېرۇسالېمدا مەندىن بۇرۇن ياشىغان پادىشاھلارنىڭ ھەممىسىدىن ئېشىپ كەتتىم. مەن ھەر دائىم دانالىق بىلەن ئىش قىلدىم.


ئۇ ئەقىل-پاراسەتتە شەرقتىكى ۋە مىسىردىكى بارچە دانىشمەنلەرنى بېسىپ چۈشەتتى.


مەن ئىلگىرى بۇ گەپلەرگە ئانچە ئىشەنمەپتىكەنمەن. مەن بۇ يەرگە كەلگەندىن كېيىنلا، ھەممىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم. ئاڭلىغانلىرىمنىڭ كۆرگەنلىرىمنىڭ يېرىمىغىمۇ يەتمەيدىغانلىقىنى ۋە ئۆزلىرىنىڭ دانالىقلىرىنىڭ ۋە بايلىقلىرىنىڭ مېنىڭ ئاڭلىغانلىرىمدىن زىيادە كۆپ ئىكەنلىكىنى بىلدىم.


يېمەكلىك بولسا يېتىلگەنلەر ئۈچۈندۇر. چۈنكى، ئۇلارنىڭ ئېڭى يېتىلىش جەريانىدا ياخشى-ياماننى پەرق ئېتىشكە كۆنگەندۇر.


خۇدادىن قورقۇڭلار، گۇناھ قىلماڭلار! جىمجىت يېتىپ ئورنۇڭلاردا، بۇنى چوڭقۇر ئويلىنىڭلار! سېلاھ


ئاسمان-زېمىننى ياراتقان، ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن پەرۋەردىگار خۇداغا مەدھىيەلەر بولسۇن. پادىشاھ ئۇ داۋۇتنىڭ دانا ۋە ئەقىل-پاراسەتلىك ئوغلى سۇلايمان ئارقىلىق ئۆزىگە ئىبادەتخانا ھەم سىلىگە ئوردا سالدۇرماقچى بولۇۋېتىپتۇ.


مۇنداق دېدى: «ئۇلۇغ بابىل شەھىرىگە قاراڭلار، بۇ پايتەختنى مەن كۈچ-قۇدرىتىم ۋە شان-شەرىپىمنى نامايان قىلىش ئۈچۈن سالدۇرغان ئەمەسمىدىم؟!»


ئۇ: ‹مەن ئۆزۈمگە ئۈستۈنكى قەۋەتلىرى ھەيۋەتلىك بولغان چوڭ بىر ئوردا سالدۇرىمەن› دەيدۇ. ئۇ دېرىزىلەرنى ئورنىتىپ، تاملىرىنى كېدىر تاختىيى بىلەن بېزەيدۇ ۋە خانىلىرىنى قىزىل رەڭدە سىرلايدۇ.


ئۇ كېچىلەر، ئېيتقان مۇناجاتلىرىم بىلەن تولغانىدى، ئۇلارنى ئويلاپ، كۆڭلۈمدە شۇنداق سوئاللار پەيدا بولدى:


شۇ ۋاقىتتا خۇدانىڭ يېقىن ئادىمى ئېلىشانىڭ خىزمەتكارى گېخازى ئىچىدە: «خوجايىنىمنىڭ ئاۋۇ ئارراملىق نائاماننىڭ سوۋغاتلىرىنى قوبۇل قىلمىغىنىنى قارىمامدىغان! مەن مەڭگۈ ھايات پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ئۇنىڭ ئارقىسىدىن بېرىپ، ئۇنىڭدىن بىر نەرسە ئۈندۈرۈۋالىمەن» دەپ ئويلىدى.


مېنىڭ ئادەملىرىم بۇ ياغاچلارنى لىۋاندىن ئېلىپ چىقىپ، باغلاپ سال قىلىپ، سىلى كۆرسەتكەن يەرگە ئوتتۇرا دېڭىز ئارقىلىق ئېلىپ بارسۇن. ئادەملىرىم شۇ يەردقىلىپە ياغاچلارنى يەشسۇن. شۇنىڭدىن كېيىن سىلەر ئۇلارنى توشۇپ ئەكېتىڭلار. لېكىن مېنىڭمۇ بىر تەلىپىم بار. سىلى ئوردامنى ئوزۇق-تۈلۈك بىلەن تەمىنلەپ بەرگەيلا.»


كۆڭلۈمدە ئۆزۈمگە: «خۇشاللىقنى سىناپ باقاي، ئۇنىڭ پايدىسى بارمۇ-يوق، بىلىپ باقاي!» دېدىم. بىلدىمكى، بۇمۇ بىھۇدىلىك ئىكەن.


كۆڭلۈمدە يەنە شۇنداق دېدىم: «نادان ئادەمنىڭ بېشىغا كەلگەن كۈن، مېنىڭ بېشىمغىمۇ كېلىدىكەن، ئۇنداقتا يەنە دانا بولۇشنىڭ نېمە پايدىسى بار؟» كۆڭلۈمدە يەنە: «بۇ بىھۇدىلىكتۇر» دېدىم.


مەن كۆڭلۈمدە شۇنداق دېدىم: «خۇدا ھەققانىي ئادەم ۋە رەزىل ئادەملەر ئۈستىدىن ئۆزى ھۆكۈم چىقىرىدۇ. چۈنكى خۇدا ھەرقانداق بىر ئىشنىڭ، ھەرقانداق ھەرىكەتنىڭ ۋاقتى-سائىتىنى ئۆزى بەلگىلىگەندۇر.»


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite