Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ھېكمەتلەر 1:14 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

14 ئىنساننىڭ قۇياشنىڭ ئاستىدىكى بۇ دۇنيادا قىلغان بارلىق ئىشلىرىنىڭ بىھۇدە ئىكەنلىكىنى، خۇددى شامالنىڭ ئارقىسىدىن قوغلىغاندەكلا بىھۇدە ئىكەنلىكىنى كۆردۈم.

Gade chapit la Kopi




ھېكمەتلەر 1:14
13 Referans Kwoze  

ئەمما كېيىن بىلسەم، ئۆز قولۇم بىلەن ئىشلەپ تارتقان بارلىق جاپالىرىم بىھۇدە ئىكەن، خۇددى شامالنىڭ ئارقىسىدىن قوغلىغاندەكلا بىھۇدىلىك ئىكەن. قۇياشنىڭ ئاستىدىكى بۇ دۇنيادا ئادەم ھېچقانداق پايدا تاپالمايدىكەن.


خۇدا دانالىقنى، بىلىم ۋە خۇشاللىقنى ئۆزىنى خۇشال قىلغان ئادىمىگە ئاتا قىلىدۇ. لېكىن گۇناھكارلارغا مال-دۇنيا توپلايدىغان جاپالىق ئىش بېرىپ، ئۇلارنىڭ توپلىغان مال-دۇنيالىرىنى، خۇدا ئۆزىنى خۇشال قىلغانلارغا ئېلىپ بېرىدۇ. گۇناھكارلارنىڭ بۇ ئىشى خۇددى شامالنىڭ ئارقىسىدىن قوغلىغاندەكلا بىھۇدىلىكتۇر.


شۇنىڭ ئۈچۈن مەن ھاياتتىن نەپرەتلەندىم، چۈنكى قۇياشنىڭ ئاستىدىكى بۇ دۇنيادا يۈز بەرگەن ھەربىر ئىشلار ماڭا قايغۇلۇق بىلىندى. بارلىق ئىشلار خۇددى شامالنىڭ ئارقىسىدىن قوغلىغاندەكلا بىھۇدىلىك ئىكەن.


ئۆزۈڭدە بار نەرسىلەرگە رازى بولۇش يوق نەرسىلەرگە ئىنتىلىشتىن ياخشىدۇر. بۇنداق ئىنتىلىش خۇددى شامالنىڭ ئارقىسىدىن قوغلىغاندەكلا بىھۇدىلىكتۇر.


مەن يەنە شۇنى كۆردۈمكى، ئىنسانلارنىڭ ئارىسىدىكى ھەسەتخورلۇق ئۇلارنىڭ جاپالىق ئىشلىشىگە ۋە ماھارەت يېتىلدۈرۈشىگە تۇرتكە بولۇپتۇ. بۇمۇ خۇددى شامالنىڭ ئارقىسىدىن قوغلىغاندەكلا بىھۇدىلىك ئىكەن.


نۇرغۇنلىغان كىشىلەر ئۇنىڭغا ئەگەشكەن بولسىمۇ، لېكىن كېيىن كەلگەن كىشىلەردىن ھېچكىم ئۇنىڭ قىلغىنىدىن رازى بولمىدى. بۇمۇ بىھۇدىلىكتۇر، خۇددى شامالنىڭ ئارقىسىدىن قوغلىغاندەكلا بىھۇدىلىكتۇر.


مەن كۆڭۈل قويۇپ، دانالىقنى بىلىشكە ۋە بۇ دۇنيادىكى كىشىلەرنىڭ قىلىۋاتقان ئىشلىرىنى ھەتتا كېچىلىرىمۇ ئۇخلىماي قىلىۋاتقان بارلىق ئىشلىرىنى چۈشىنىشكە تىرىشتىم.


چۈنكى ئادەم بىلەن ھايۋاننىڭ دۇچ كېلىدىغان قىسمىتى ئوخشاش. مەيلى ئۇ بولسۇن، مەيلى بۇ بولسۇن، ھەر ئىككىلىسى ئوخشاشلا ئۆلىدۇ، ئوخشاشلا نەپەسكە تايىنىپ ياشايدۇ. ئادەم ھايۋاندىن ئۈستۈن ئەمەس. ھايات ھەقىقەتەن بىھۇدىلىكتۇر.


«بىراق ئارامخۇدا تاپقان بىر قولدىكى ئاز نەرسە، شامالنىڭ ئارقىسىدىن قوغلاپ، جاپالىق ئىشلەپ تاپقان ئىككى قولدىكى جىق نەرسىدىن ئەۋزەلدۇر.»


«بىھۇدىدۇر، ھەممىسى بىھۇدىدۇر» دەيدۇ ھېكمەت ئىگىسى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite