13 ئاسماننىڭ ئاستىدىكى بۇ دۇنيادا يۈز بېرىۋاتقان پۈتكۈل ئىشلارنى دانالىق بىلەن كۆزىتىپ، كۆڭۈل قويۇپ تەكشۈردۈم. خۇلاسىلىسەم، خۇدا ئىنسانغا شۇ قەدەر ئېغىر جاپالىق ئىشلارنى يۈكلىگەنىكەن.
خۇدانىڭ ئىنسانلارغا ئېغىر ئىش بەرگەنلىكىنى كۆردۈم.
باش-كۆزۈڭ تەرگە چۆمگەندىلا تويغۇدەك بىر نەرسىگە ئىگە بولىسەن، تاكى سەن ئۆلۈپ تېنىڭ توپىغا ئايلىنىپ كەتكۈچە ئىشتىن باش كۆتۈرەلمەيسەن. تۇپراقتىن يارىتىلدىڭ ۋە تۇپراققا قايتىسەن!»
مەن يەنە كۆڭۈل قويۇپ، دانالىقنى، نادانلىق ۋە ئەخمەقلىقنى چۈشىنىشكە تىرىشتىم. ئاخىرى شۇنى بىلدىمكى، بۇمۇ خۇددى شامالنىڭ ئارقىسىدىن قوغلىغاندەكلا بىھۇدىلىك ئىكەن.
شۇنىڭ ئۈچۈن، بۇ ئىشلارنى جان-دىلىڭ بىلەن قىل. ئۆزۈڭنى ئۇلارغا شۇنداق ئاتىغىنكى، ھەممە كىشى سېنىڭ ئالغا باسقانلىقىڭنى كۆرسۇن.
ئەي ئوغلۇم، بۇ ھېكمەتلەردىن باشقا، يەنە بىر نەسىھەتىمگە قۇلاق سالغىن، كىتاب يېزىشنىڭ چېكى يوقتۇر. كۆپ تەتقىق قىلساڭ، تېنىڭگە ھاردۇق يېتىدۇ.
مەن چۈشىنىشكە پۈتۈن زېھنىمنى بېرىپ، دانالىقنى ئىزدەپ تاپماقچى ۋە بارلىق ئىشلارنىڭ مەنىسىنى چۈشەنمەكچى بولدۇم. مەن يەنە رەزىللىكنىڭ شۇنچىلىك نادانلىق، ئەخمەقلىقنىڭ شۇنچىلىك تەلۋىلىك ئىكەنلىكىنى چۈشىنىشكە تىرىشتىم.
مەن قۇياشنىڭ ئاستىدىكى بۇ دۇنيادا يۈز بەرگەن بارلىق ئىشلارنى كۆردۈم ھەم بۇ ئىشلار ئۈستىدە چوڭقۇر ئويلاندىم. بەزىدە بىر ئادەم باشقىلارنىڭ ئۈستىدىن زورلۇق-زومبۇلۇق قىلىپ، ئۇلارغا زىيانكەشلىك قىلىدىكەن.
مەن يەنە شۇنى كۆردۈمكى، ئىنسانلارنىڭ ئارىسىدىكى ھەسەتخورلۇق ئۇلارنىڭ جاپالىق ئىشلىشىگە ۋە ماھارەت يېتىلدۈرۈشىگە تۇرتكە بولۇپتۇ. بۇمۇ خۇددى شامالنىڭ ئارقىسىدىن قوغلىغاندەكلا بىھۇدىلىك ئىكەن.
خۇدا دانالىقنى، بىلىم ۋە خۇشاللىقنى ئۆزىنى خۇشال قىلغان ئادىمىگە ئاتا قىلىدۇ. لېكىن گۇناھكارلارغا مال-دۇنيا توپلايدىغان جاپالىق ئىش بېرىپ، ئۇلارنىڭ توپلىغان مال-دۇنيالىرىنى، خۇدا ئۆزىنى خۇشال قىلغانلارغا ئېلىپ بېرىدۇ. گۇناھكارلارنىڭ بۇ ئىشى خۇددى شامالنىڭ ئارقىسىدىن قوغلىغاندەكلا بىھۇدىلىكتۇر.
ئۇلارنىڭ ئىشلەپ جاپا تارتىشلىرى، ھەتتا كېچىلەرنىمۇ خاتىرجەمسىزلىك ئىچىدە ئۆتكۈزۈشى ھەقىقەتەن بىھۇدىلىكتۇر.
ئەي ئوغلۇم، ماڭا بېغىشلا قەلبىڭنى، كۆزۈڭ بىلەن كۆزىتىپ تۇر يولۇمنى!
بىلىم ئالار ئاقىلنىڭ قەلبى، بىلىمگە تەلپۈنەر دانانىڭ ئۆزى.
توپتىن ئايرىلغان ئويلار ھامان ئۆزىنىلا، قارشى چىقار ئۇ ھەرقانداق دانالىققا.
دانالىققا ئېرىشىشتۇر دانالىقنىڭ باشلىنىشى، ئەقىل تاپ، بېرىپ بولسىمۇ پۈتۈن بايلىقىڭنى.
ئۇلۇغدۇر پەرۋەردىگارنىڭ بىز ئۈچۈن قىلغانلىرى، بۇنى تىلغا ئېلىشار ئۇلارنىڭ قەدرىنى بىلگەنلىرى.
ئىنسانلار قاپقاراڭغۇلۇقنى يورۇتۇپ، ئەڭ چوڭقۇر يەرلىرىگە چۈشۈپ، شۇ قاراڭغۇلۇقتا رۇدا ئىزدەيدۇ.
خۇدا ھەممە ئىشنى ئۆز ۋاقتى-سائىتى بويىچە توپتوغرا ئورۇنلاشتۇرغان. ئۇ مەڭگۈلۈك ئاڭنى ئىنسانلارنىڭ كۆڭلىگە سالغان بولسىمۇ، ئىنسان خۇدانىڭ باشتىن-ئاخىرغىچە قىلغان ئىشلىرىنى ھېچقاچان چۈشەنمەيدۇ.
ھېچبىر يۆلەنچۈكى يوق كىشىلەر بار، ئۇلارنىڭ يا بالىسى، يا قېرىندىشى يوق. لېكىن ئۇلار ئۆمۈر بويى جاپالىق ئىشلەيدۇ، كۆزى بايلىققا تويمايدۇ. ئۇلار ئۆزىدىن: «مەن كىم ئۈچۈن ئىشلەۋاتىمەن، نېمە ئۈچۈن شۇنچىلىك خۇشاللىقلاردىن ۋاز كېچىمەن؟» دەپ سورىمايدۇ. بۇمۇ بىر بىھۇدىلىكتۇر، قايغۇلۇق ئىشتۇر.
شامالنىڭ يۆنىلىشىنى، ئانىنىڭ قورسىقىدا ھامىلىنىڭ قانداق شەكىللىنىشىنى بىلگىلى بولمىغاندەك، ياراتقۇچى خۇدانىڭ ئىشلىرىنى بىلگىلى بولماس.
پەرۋەردىگارنىڭ ئۇلۇغلۇقىدۇر ئۇنىڭ كارامەتلىرىنىڭ سىرلىقلىقى، پادىشاھلارنىڭ شۆھرىتىدۇر ئىشلارنىڭ تېگىگە يېتىپ يېشىشى.