Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




قانۇننىڭ تەكرارى 9:6 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

6 بىلىشىڭلار كېرەككى، پەرۋەردىگارنىڭ سىلەرگە ئۇ گۈزەل زېمىننى مۈلۈك قىلىپ بېرىشى، سىلەرنىڭ ھەققانىي بولغانلىقىڭلار ئۈچۈن ئەمەستۇر. ئەمەلىيەتتە سىلەر جاھىل خەلقسىلەر.

Gade chapit la Kopi




قانۇننىڭ تەكرارى 9:6
19 Referans Kwoze  

شۇڭا قەلبىڭلارنى پاكلاڭلار، بۇنىڭدىن كېيىن جاھىللىق قىلماڭلار.


ئىستىپان سۆزىنى ئاياغلاشتۇرۇپ: - ئەي، بوينى، يۈرىكى ۋە قۇلىقى قاتتىقلار! سىلەر خەتنە قىلىنمىغان كاپىرلارغا ئوخشاش جاھىل! سىلەر ئەجدادلىرىڭلارغا ئوخشاش، خۇدانىڭ مۇقەددەس روھىغا دائىم قارشىلىق قىلىۋاتىسىلەر!


سىلەرنىڭ ئاسىي ۋە جاھىل ئىكەنلىكىڭلارنى بىلىمەن. سىلەر مەن ھايات ۋاقتىمدا پەرۋەردىگاردىن يۈز ئۆرۈگەن تۇرساڭلار، مەن ئۆلگەندىن كېيىن نېمە ئىش بولماقچى ئىدى؟


پەرۋەردىگار ماڭا: «مەن بۇ خەلقنىڭ جاھىللىقىنى كۆرۈپ يەتتىم.


مەن بۇ خەلقنىڭ بوينىنىڭ ئىنتايىن قاتتىقلىقىنى بىلدىم.


ئەي ئىسرائىل خەلقى، نام-شەرىپىم ئۈچۈن سىلەرنى رەزىل ۋە يىرگىنچلىك قىلمىشىڭلارغا لايىق جازالىمايمەن. شۇندىلا سىلەر مېنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار ئىكەنلىكىمنى بىلىسىلەر. بۇ مەن ئىگەڭلار پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.›»


بۇ خەلق جاھىل، بوينى قاتتىق خەلقتۇر، مەن سېنى ئۇلارنىڭ ئارىسىغا ئەۋەتىمەن. سەن ئۇلارغا: «ئىگىمىز پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ» دەپ جاكارلايسەن.


دورىمىسۇن ئۇلار ئەجدادلىرىنى _ ئۇلارنىڭ ئىتائەتسىز، جاھىللىقىنى. سەمىمىيەتسىزلىك بولمىسۇن دىللىرىدا، ساداقەتسىزلىك بولمىسۇن ئۇلاردا.


ئۇنىڭ ئۈستىگە، بابىل پادىشاھى نىبۇكادنەزەر ئۇنى خۇدانىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلدۇرغان بولسىمۇ، ئۇ يەنىلا نىبۇكادنەزەرگە ئاسىيلىق قىلدى. ئۇ بوينى ۋە دىلىنى قاتتىق قىلىپ، ئىسرائىللارنى تاللىغان پەرۋەردىگار خۇدانىڭ يولىغا قايتمىدى.


ھازىر سىلەر ئەجدادلىرىڭلارغا ئوخشاش بوينۇڭلارنى قاتتىق قىلماي، پەرۋەردىگارغا ئىتائەت قىلىڭلار. پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانىڭ مۇقەددەس ۋە مەڭگۈلۈك ماكانى بولغان ئىبادەتخانىغا كېلىپ، ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىڭلار. شۇندىلا ئۇ ئۆزىنىڭ قەھر-غەزىپىنى سىلەردىن كۆتۈرۈۋېتىدۇ.


ۋە مۇنداق دېدى: _ ئى ئىگەم، ئەگەر سەن مەندىن رازى بولغان بولساڭ، بىز ئۇ يەرگە بارغاندا، بىزگە يار بولغايسەن. بۇ خەلقنىڭ بوينى قاتتىق بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ گۇناھ ۋە سەۋەنلىكلىرىنى كەچۈرۈپ، ئۇلارنى ئۆز خەلقىڭ سۈپىتىدە قوبۇل قىلغايسەن، _ دېدى.


سىلەرنى سۈت ۋە ھەسەل ئېقىپ تۇرىدىغان زېمىنغا ئاپىرىمەن. لېكىن مەن سىلەر بىلەن بىللە بارمايمەن. چۈنكى سىلەر بوينى قاتتىق خەلق بولغاچقا، سىلەرنى يولدا ھالاك قىلىۋېتىشىم مۇمكىن.


ئەي ئادەم بالىسى، شۇ سەۋەبتىن سەن ئىسرائىل خەلقىگە ئىگىمىز پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ، دەپ ئېيت: «ئەي ئىسرائىللار، مېنىڭ سىلەرنى بۇ زېمىنغا قايتۇرۇشۇم سىلەر ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئۆزۈمنىڭ نامىنى قوغداش ئۈچۈندۇر. چۈنكى سىلەر بارغان يات ئەللەردە مېنىڭ مۇقەددەس نامىمنى بۇلغىدىڭلار.


شۇ ۋاقىتتا مەن ئۇلارغا مۇنداق دېدىم: «پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا بۇ زېمىننى سىلەرگە مۈلۈك قىلىپ بەردى. لېكىن سىلەرنىڭ قوراللانغان بارلىق لەشكەرلىرىڭلار ئالدى بىلەن دەريادىن ئۆتسۇن، باشقا قەبىلىلەر ئارقاڭلاردىن ئەگەشسۇن.


مەن سىلەرنى تونۇغاندىن بېرى، سىلەرمۇ داۋاملىق پەرۋەردىگارغا ئاسىيلىق قىلىپ كەلدىڭلار.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite