Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




قانۇننىڭ تەكرارى 9:5 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

5 سىلەرنىڭ ئۇلارنىڭ زېمىنىنى ئىگىلىشىڭلار ئىش-ئەمەللىرىڭلارنىڭ ھەققانىي، دۇرۇس بولغانلىقى سەۋەبىدىن ئەمەس، بەلكى ئۇلارنىڭ رەزىل بولغانلىقى سەۋەبىدىندۇر. پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانىڭ ئۇلارنى كۆز ئالدىڭلاردا زېمىنىدىن قوغلىۋېتىشى پەرۋەردىگارنىڭ ئەجدادلىرىڭلار بولغان ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە ياقۇپلارغا بەرگەن ۋەدىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشى سەۋەبىدىندۇر.

Gade chapit la Kopi




قانۇننىڭ تەكرارى 9:5
26 Referans Kwoze  

بىز ياخشى ئەمەللەر بىلەن ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ رەھىم-شەپقىتىدىن قۇتقۇزۇلدۇق. خۇدا بىزنىڭ گۇناھلىرىمىزنى يۇيۇپ، مۇقەددەس روھ ئارقىلىق بىزنى قايتىدىن تۆرەلدۈرۈپ، يېڭى ھاياتقا ئېرىشتۈرۈش بىلەن بىزنى قۇتقۇزدى.


مەن سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭنى ئاسماندىكى يۇلتۇزلاردەك كۆپ قىلىمەن ھەمدە ئۇلارغا بۇ يەرلەرنىڭ ھەممىسىنى ئاتا قىلىمەن. يەر يۈزىدىكى پۈتكۈل خەلقلەر سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭ ئارقىلىق بەختكە ئېرىشىدۇ.


سەن ھازىر كەنئاندا مۇساپىر بولۇپ ياشاۋاتىسەن. ئەمما بۇ زېمىننى ساڭا ۋە سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭغا ئاتا قىلىمەن. ئۇ سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭنىڭ مەڭگۈلۈك مۈلكى بولىدۇ. مەن ئۇلارنىڭمۇ خۇداسى بولىمەن!


پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا يەنە: _ مەن سېنى كالدانلارنىڭ زېمىنى بولغان ئۇر شەھىرىدىن ئېلىپ چىققان پەرۋەردىگاردۇرمەن، بۇ زېمىننى ساڭا مۈلۈك قىلىپ بېرىمەن، _ دېدى.


سەن كۆرۈۋاتقان بۇ زېمىنلارنى ساڭا ۋە سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭغا ئاتا قىلىمەن. بۇ زېمىن مەڭگۈ سىلەرگە مەنسۇپتۇر.


پەرۋەردىگار ئىبرامغا زاھىر بولۇپ، ئۇنىڭغا: _ مانا بۇ زېمىننى سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭغا ئاتا قىلىمەن، _ دېدى. شۇڭا ئىبرام ئۇ يەردە ئۆزىگە زاھىر بولغان پەرۋەردىگارغا ئاتاپ بىر قۇربانلىق سۇپىسى ياساپ، ئىبادەت قىلدى.


لېكىن مەن نام-شەرىپىمنىڭ يات خەلقلەرنىڭ كۆز ئالدىدا بۇلغانماسلىقى ئۈچۈن نىيىتىمدىن ياندىم. چۈنكى ئۇلار مېنىڭ ئىسرائىللارنى ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدا مىسىردىن ئېلىپ چىققانلىقىمنى بىلىدۇ.


خىزمەتكارلىرىڭ بولغان ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە ياقۇپلارنى ئەسلىگەيسەن. سەن ئۆز نامىڭ بىلەن قەسەم قىلىپ، ئۇلارغا: «ئەۋلادلىرىڭلارنى ئاسماندىكى يۇلتۇزلاردەك كۆپ قىلىمەن. مەن بېرىشكە ۋەدە قىلغان زېمىننى ئەۋلادلىرىڭغا مەڭگۈلۈك مىراس قىلىپ بېرىمەن» دېگەنىدىڭ، _ دېدى.


ئۇ يەنە پەرۋەردىگارنىڭ پەلەمپەينىڭ ئۈستى تەرىپىدە تۇرۇپ، ئۆزىگە: «مەن پەرۋەردىگار، بوۋاڭ ئىبراھىم ۋە ئاتاڭ ئىسھاق ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا بولىمەن. مەن ھازىر سەن ياتقان زېمىننى ساڭا ۋە سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭغا ئاتا قىلىمەن.


سىلەرگە شۇنى ئېيتماقچىمەنكى، ئەيسا مەسىھ خۇدانىڭ ئۆز ۋەدىسىدە، يەنى ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە ياقۇپلارغا قىلغان ۋەدىسىدە تۇرىدىغانلىقىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن، يەھۇدىيلارنىڭ خىزمەتكارى بولدى.


يەھۇدىيلار خۇش خەۋەرنى رەت قىلغانلىقى ئۈچۈن، خۇداغا دۈشمەن بولۇپ قالدى. بۇ، يەھۇدىي ئەمەس سىلەرگە كۆپ مەنپەئەت يەتكۈزدى. لېكىن، يەھۇدىيلار خۇدانىڭ تاللىغان خەلقىدۇر. خۇدا ئۇلارنىڭ ئەجدادلىرى بىلەن ئەھدە تۈزگەنلىكتىن، يەنىلا ئۇلارنى سۆيىدۇ.


سىلەر بۇ پەيغەمبەرلەرنىڭ ئەۋلادلىرىسىلەر ۋە خۇدا ئەجدادىڭلار بىلەن تۈزگەن ئەھدىنىڭ مىراسخورلىرىسىلەر. چۈنكى، خۇدا ئەجدادىمىز ئىبراھىمغا: «سېنىڭ ئەۋلادىڭ ئارقىلىق يەر يۈزىدىكى ھەممە خەلقلەرگە بەخت ئاتا قىلىمەن» دەپ ۋەدە بېرىپ ئەھدە قىلغان.


سەن قەدىمدە ئەجدادلىرىمىزغا ۋەدە قىلغىنىڭدەك، ياقۇپ ئەۋلادلىرىغا ئىشەنچىڭنى كۆرسىتىسەن، ئىبراھىم ئەۋلادلىرىغا مېھىر-مۇھەببەت بېغىشلايسەن.


بىراق خۇدا لۇت ياشىغان شەھەرلەرنى خارابىلىككە ئايلاندۇرغاندا، ئىبراھىمنىڭ تەلىپىنى ئېسىگە ئېلىپ، لۇتنى ھالاكەتتىن ساقلاپ قالغانىدى.


ئۇلار تۇرغان زېمىنلارمۇ بۇلغاندى. مەن ئۇلارنىڭ گۇناھى ئۈچۈن بۇ زېمىننى جازالايمەن، شۇڭا بۇ زېمىن ئۇلارنى قۇسۇپ چىقىرىۋېتىدۇ.


پەرۋەردىگارىڭلار خۇداغا ئۇلارنىڭ ئادەتلىرى بىلەن ئىبادەت قىلماڭلار. چۈنكى ئۇلار چوقۇنغاندا پەرۋەردىگار نەپرەتلىنىدىغان ھەر خىل يىرگىنچلىك ئىشلارنى قىلىدۇ. ئۇلار ھەتتا ئۆزلىرىنىڭ ئوغۇل-قىزلىرىنى كۆيدۈرۈپ، ئىلاھلىرىغا سۇنىدۇ.


_ سىلەر پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا سىلەرگە ئاتا قىلغان زېمىنغا كىرگەندىن كېيىن، ئۇ يەردىكى يەرلىك خەلقلەرنىڭ يىرگىنچلىك ئادەتلىرىنى دورىماڭلار.


بولمىسا ئۇلار سىلەرنى ئازدۇرۇپ، بۇتقا چوقۇنۇشتەك ھەرخىل يىرگىنچلىك ئادەتلىرىنى ئۆگىتىدۇ. بۇ پەرۋەردىگارىڭلار خۇداغا قارشى ئېغىر گۇناھتۇر.


ئەي ئادەم بالىسى، شۇ سەۋەبتىن سەن ئىسرائىل خەلقىگە ئىگىمىز پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ، دەپ ئېيت: «ئەي ئىسرائىللار، مېنىڭ سىلەرنى بۇ زېمىنغا قايتۇرۇشۇم سىلەر ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئۆزۈمنىڭ نامىنى قوغداش ئۈچۈندۇر. چۈنكى سىلەر بارغان يات ئەللەردە مېنىڭ مۇقەددەس نامىمنى بۇلغىدىڭلار.


مەن ئىگەڭلار پەرۋەردىگار مۇنداق دەيمەن: ‹بىلىشىڭلار كېرەككى، سىلەر مېنىڭ بۇ ئىشلارنى قىلىشىمغا لايىق ئەمەسسىلەر. ئەي ئىسرائىل خەلقى، قىلمىشىڭلاردىن خىجىل بولۇڭلار ۋە نومۇس قىلىڭلار.›


سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭ بۇ يەرگە كەلگۈچە، ئۇ يەردە تۆت ئەۋلاد ۋاقىت ئۆتكۈزىدۇ. چۈنكى ئۇنىڭغىچە بۇ يەردە تۇرۇۋاتقان ئامورلارنىڭ گۇناھى چېكىگە يەتمەيدۇ.


سىلەر بۇ ئىشلار بىلەن ئۆزۈڭلارنى بۇلغىماڭلار. مەن سىلەرنىڭ كۆز ئالدىڭلاردا قوغلاپ چىقارماقچى بولغان خەلقلەر دەل مۇشۇنداق ئىشلار بىلەن ئۆزلىرىنى بۇلغىغانلاردۇر.


ئۇ زېمىنلارنى سىلەرگە ئاتا قىلدىم، بېرىپ ئىگىلەڭلار. ئۇ يەرلەرنى مەن پەرۋەردىگار ئەجدادلىرىڭلار ئىبراھىم، ئىسھاق، ياقۇپ ۋە ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرىغا ئاتا قىلىمەن دەپ، ۋەدە قىلغانىدىم.»


پەرۋەردىگار بۇنداق ئىش قىلىدىغان ئادەملەردىن يىرگىنىدۇ. شۇ سەۋەبتىن پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا بۇ خەلقلەرنى كۆز ئالدىڭلاردا زېمىنلىرىدىن قوغلىۋېتىدۇ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite