Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




قانۇننىڭ تەكرارى 8:7 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

7 چۈنكى ئۇ سىلەرنى گۈزەل بىر زېمىنغا باشلاپ بارىدۇ. ئۇ يەردە جىلغا ۋە تۆپىلىكلەرنى سۇغۇرىدىغان ئېرىق-ئۆستەڭلەر، بۇلاقلار ۋە ئېقىن سۇلار بار.

Gade chapit la Kopi




قانۇننىڭ تەكرارى 8:7
17 Referans Kwoze  

شۇڭا مەن ئۇلارنى مىسىرلىقلارنىڭ قولىدىن قۇتقۇزۇپ، سۈت ۋە ھەسەل ئېقىپ تۇرىدىغان بىپايان مۇنبەت زېمىنغا ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن چۈشتۈم. ئۇ يەر كەنئانلار، خىتلار، ئامورلار، پەرىززىلەر، خىۋلار ۋە يىبۇسلارنىڭ ماكانىدۇر.


ئاشۇ كۈنى مەن ئۇلارغا ئۇلارنى مىسىردىن ئېلىپ چىقىدىغانلىقىم، ئۇلارنى ئۇلار ئۈچۈن مەن تاللىغان سۈت ۋە ھەسەل ئېقىپ تۇرىدىغان زېمىندىكى ئەڭ گۈزەل ماكانغا ئېلىپ بارىدىغانلىقىم ھەققىدە ۋەدە بەرگەنىدىم.


باغلاپ قويار ئۇ تەخىيىنى ئەڭ ياخشى ئۈزۈمگە، غاجاپ قويسىمۇ ئۇ ئۈزۈمنى گەرچە، ئۈزۈم شارابىدا يۇيار كىيىملىرىنى، ئېسىل شارابتا تونلىرىنى.


شۇڭا سىلەر پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانىڭ بارلىق ئەمرلىرىگە ئەمەل قىلىپ، ئۇنىڭ يولىنى تۇتۇڭلار، ئۇنىڭدىن ئەيمىنىڭلار.


ئۇ يەر بۇغداي، ئارپا، ئۈزۈم، ئەنجۈر، ئانار، زەيتۇن ۋە ھەسەلگە بايدۇر.


كېيىن مەن زېمىنىڭلارغا بېرىپ، سىلەرنى خۇددى ئۆز زېمىنىڭلارغا ئوخشاش ئاشلىقلىرى، شارابلىرى، يېمەكلىكلىرى، ئۈزۈمزارلىقلىرى، زەيتۇن دەرەخلىرى مول بولغان، شۇنداقلا زەيتۇن يېغى ۋە ھەسەل چىقىدىغان يېڭى زېمىنغا باشلاپ بارىمەن. ئۆلۈمنى ئەمەس، ھاياتنى تاللاڭلار. خىزكىيانىڭ دېگەنلىرىگە قۇلاق سالماڭلار. ئۇ سىلەرنى ‹پەرۋەردىگار بىزنى قۇتقۇزىدۇ› دەپ، تۇيۇق يولغا باشلايدۇ.


ئۇلار بۇ گۈزەل زېمىنغا كىرىشنى رەت قىلدى، پەرۋەردىگارنىڭ ۋەدىسىگە ئىشەنمىدى.


مەن سىلەرنى مېۋىلەر ۋە ئېسىل نەرسىلەردىن ھۇزۇرلانسۇن دەپ، بۇ مۇنبەت زېمىنغا ئېلىپ كەلگەنىدىم. بىراق مېنىڭ زېمىنىمغا كىرگەندىن كېيىن، ئۇنى بۇلغىدىڭلار. ماڭا تەئەللۇق بولغان بۇ زېمىننى يىرگىنچلىك جايغا ئايلاندۇرۇپ قويدۇڭلار.


ئۇ يەنە ئىسرائىلىيەدىن بىر دانە ئۈزۈم نوتىسىنى ئېلىپ، مۇنبەت يەرگە، يەنى سۇ بويىغا سۆگەت تىككەندەك تىكىپتۇ.


سىلەر ئۇ يەرگە بارساڭلار خاتىرجەم، تۇرمۇشى پاراۋان ياشاۋاتقان خەلقنى كۆرىسىلەر. خۇدا بىزگە بىپايان، مۇنبەت بولغان بۇ زېمىننى بېرىدۇ! _ دېدى ئۇلار.


سەن بولغاچ ۋادىدا بۇلاق كۆزى ئېچىلىپ، تاغلار ئارا شىلدىرلاپ ئاقتى سۇلىرى. سۇلار ئىچسە ئۇنىڭدىن دالادىكى جانىۋارلار، قانار ئىدى ھەتتاكى ياۋا ئېشەكنىڭ تەشنالىقى.


مەن سىلەرگە بىر مۇھەببەت ناخشىسى ئېيتىپ بېرەي، بۇ ناخشا دوستۇمنىڭ ئۈزۈمزارلىقى ھەققىدىدۇر: «دوستۇمنىڭ بار ئىدى ئۈزۈمزارلىقى، ئۇنىڭ يېرى مۇنبەت ئېدىرلىقتا ئىدى،


مەن زېمىنىڭلارغا بارغاندىن كېيىن سىلەرنى، خۇددى ئۆز زېمىنىڭلارغا ئوخشاش ئاشلىق، شاراب، يېمەكلىك ۋە ئۈزۈمزارلىقلىرى مول بولغان يېڭى زېمىنغا باشلاپ بارىمەن.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite