4 كىيىم-كېچەكلىرىڭلار يىرتىق بولمىدى، پۇتۇڭلارمۇ ئىششىمىدى.
سەن ئۇلارنىڭ چۆل-باياۋاندىكى قىرىق يىلىدا پۈتۈن ئېھتىياجىنى قاندۇردۇڭ، ئۇلار ھېچنېمىگە موھتاج بولمىدى، كىيىم-كېچەكلىرى يىرتىلمىدى ۋە پۇتلىرىمۇ ئىششىمىدى.
قىرىق يىلدىن بېرى مەن سىلەرنى چۆلدە باشلاپ يۈرۈۋاتىمەن، كىيىمىڭلار يىرتىلىپ، ئايىغىڭلار تېشىلىپ باقمىدى.
پەرزەنتلىرىڭلار چۆلدە قىرىق يىل مۇساپىر بولۇپ، سىلەرنىڭ ساداقەتسىزلىكىڭلار تۈپەيلىدىن تاكى سىلەر ئۆلۈپ تۈگىگۈچە ئازاب-ئوقۇبەت ئىچىدە ياشايدۇ.
ئىسرائىللار تاكى ئادەم ئولتۇراقلاشقىلى بولىدىغان يەرگە، يەنى كەنئان زېمىنىغا بارغۇچە، جەمئىي قىرىق يىل ماننا يېدى.
پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا ھەمىشە ئىشىڭلارنى راۋان قىلىپ، سىلەرنى بەختكە ئېرىشتۈرۈپ كەلدى. سىلەر بىپايان چۆللۈكتىن ئۆتكىنىڭلاردا ھالىڭلاردىن خەۋەر ئالدى، 40 يىلدىن بېرى سىلەر بىلەن بىرگە بولدى، ھېچنېمەڭلارنى كەم قىلمىدى›».