Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




قانۇننىڭ تەكرارى 8:10 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

10 يەڭلار، تويغىنىڭلاردىن كېيىن، پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانى مەدھىيەلەڭلار. چۈنكى ئۇ ئاشۇ گۈزەل زېمىننى سىلەرگە ئاتا قىلدى.

Gade chapit la Kopi




قانۇننىڭ تەكرارى 8:10
14 Referans Kwoze  

ئىگىمىزگە ھەمدۇسانا ئېيتقىن مېنىڭ ئەي قەلبىم، ئۇنتۇمىغىن خۇدانىڭ شەپقىتىنى ھەر دائىم.


بەزىلەر مەلۇم بىر كۈننى قەدىرلەپ، بۇنىڭ بىلەن رەببىمىزگە بولغان ھۆرمىتىنى ئىپادىلەيدۇ. بەزىلەر، يەنى ھەرقانداق يېمەكلىكلەرنى يەيدىغانلارمۇ شۇ يېگ ن يېمەكلىكلىرى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ رەببىمىزگە بولغان ھۆرمىتىنى ئىپادىلەيدۇ. چۈنكى، ئۇلار خۇدا بەرگەن رىزقى ئۈچۈن شۈكۈر ئېيتىدۇ. گۆش يېمەيدىغانلارمۇ خۇدا بەرگەن رىزقى ئۈچۈن خۇداغا شۈكۈر ئېيتىدۇ.


ئۇلۇغلا پەرۋەردىگارنى، ئاتاپ مال-دۇنيايىڭنى، ھەدىيە قىلىپ ئۇنىڭغا ھوسۇلۇڭنىڭ باش بۇرنىنى.


ساڭا ھەدىيە سۇنغۇدەك مەن كىم ئىدىم، خەلقىم كىم ئىدى. بىز ساڭا ھەدىيە سۇنۇشقا قانداقمۇ لايىق كېلىمىز؟ چۈنكى پۈتۈن نەرسە سەندىن كېلىدۇ. بىز پەقەت سەندىن ئالغان نەرسىنى ئۆزۈڭگە قايتۇردۇق، خالاس!


ئۇ خالايىقنى چىملىقنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرۇشقا بۇيرۇغاندىن كېيىن، بەش نان بىلەن ئىككى بېلىقنى قولىغا ئېلىپ، ئاسمانغا قاراپ خۇداغا شۈكۈر ئېيتتى. ئاندىن، نانلارنى ئوشتۇپ شاگىرتلىرىغا بەردى. ئۇلار كۆپچىلىككە تارقاتتى.


مۇھىمى، نېمە يەپ، نېمە ئىچىشىڭلار، قانداقلا ئىش قىلىشىڭلاردىن قەتئىينەزەر، ئۇنى پەقەت خۇدانىڭ ئۇلۇغلىنىشى ئۈچۈن قىلىڭلار.


بىرنەچچە كېمە تىبېرىيە شەھىرىدىن ھەزرىتى ئەيسا دۇئا قىلىپ خالايىققا نان تارقىتىپ بەرگەن يەرگە يېقىن كېلىپ توختىدى.


ھەرقانداق ئەھۋالدا خۇداغا شۈكۈر ئېيتىڭلار. چۈنكى، مانا بۇلار خۇدانىڭ ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولغان سىلەرگە قاراتقان ئىرادىسىدۇر.


ئۇ يەردە يېمەكلىكلەر مول بولۇپ، ھېچنېمە كەم ئەمەستۇر. تاشلىرىدىن تۆمۈر، تاغلىرىدىن مىس چىقىدۇ.


مەن ئۇلارنىڭ ئەجدادلىرىغا بۇ زېمىننى ئاتا قىلىشقا ۋەدە قىلغانمەن. مەن ئۇلارنى سۈت ۋە ھەسەل ئېقىپ تۇرىدىغان زېمىنغا باشلاپ بارغاندىن كېيىن، ئۇلار ئۇ يەردە قورساقلىرىنى تويغۇزۇپ، راھەت ياشايدۇ. ئاندىن ئۇلار مەندىن يۈز ئۆرۈپ، باشقا ئىلاھلارغا چوقۇنىدۇ. مېنى تاشلاپ، مەن بىلەن تۈزگەن ئەھدىسىگە خىلاپلىق قىلىدۇ.


مەن سىلەرگە بىر مۇھەببەت ناخشىسى ئېيتىپ بېرەي، بۇ ناخشا دوستۇمنىڭ ئۈزۈمزارلىقى ھەققىدىدۇر: «دوستۇمنىڭ بار ئىدى ئۈزۈمزارلىقى، ئۇنىڭ يېرى مۇنبەت ئېدىرلىقتا ئىدى،


سىلەر ئەمدى تويغۇچە يەيسىلەر، مەن، يەنى پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانىڭ نامىنى مەدھىيەلەيسىلەر، چۈنكى مەن سىلەر ئۈچۈن بۈيۈك ئىشلارنى قىلدىم. ئەمدى مېنىڭ خەلقىم قايتا نومۇسقا قالمايدۇ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite