Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




قانۇننىڭ تەكرارى 7:4 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

4 چۈنكى ئۇلارنىڭ قىزلىرى ئوغۇللىرىڭلارنى پەرۋەردىگاردىن ۋاز كەچتۈرۈپ، ئۆزىنىڭ ئىلاھلىرىغا چوقۇندۇرسا، پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپى تۇتۇپ، سىلەرنى تېزلا ھالاك قىلىدۇ.

Gade chapit la Kopi




قانۇننىڭ تەكرارى 7:4
14 Referans Kwoze  

بولمىسا، پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپى تۇتۇپ، سىلەرنى يەر يۈزىدىن يوقىتىدۇ. چۈنكى ئاراڭلاردىكى خۇدا باشقا ئىلاھلارغا چوقۇنۇشۇڭلاردىن قىزغىنىدىغان خۇدادۇر.


شۇڭا پەرۋەردىگار ئىسرائىللارغا يەنە غەزەپلىنىپ مۇنداق دېگەنىدى: «بۇ خەلق ئەجدادلىرىنىڭ رىئايە قىلىشىغا بۇيرۇغان ئەھدەمنى بۇزۇپ، ماڭا ئىتائەت قىلمىدى.


كېيىن ئىسرائىللار پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يامان بولغان ئىشلارنى قىلىپ، بائالنىڭ بۇتلىرىغا چوقۇندى.


ئەگەر مېنىڭ دېگىنىمدەك قىلمىساڭلار، بۈگۈن ئاسمان-زېمىن سىلەرگە قارشى گۇۋاھ بولسۇنكى، ئىئوردان دەرياسىنىڭ قارشىسىدىكى سىلەر ئىگىلەيدىغان زېمىنىڭلاردا تېز ۋەيران قىلىنىپ، پۈتۈنلەي يوق قىلىنىسىلەر. ئۇ يەردە ئۇزاق ياشىيالمايسىلەر.


ئۇلارغا چوقۇنۇپ، سەجدە قىلماڭلار. چۈنكى مەن ساداقەتسىزلىكنى ئۆچ كۆرىدىغان پەرۋەردىگار خۇدادۇرمەن. مەندىن نەپرەتلەنگەنلەرنى تاكى ئۈچىنچى، تۆتىنچى ئەۋلادىغىچە جازالايمەن.


بولمىسا ئۇلار سىلەرنى ئازدۇرۇپ، بۇتقا چوقۇنۇشتەك ھەرخىل يىرگىنچلىك ئادەتلىرىنى ئۆگىتىدۇ. بۇ پەرۋەردىگارىڭلار خۇداغا قارشى ئېغىر گۇناھتۇر.


ئەگەر خۇدادىن يۈز ئۆرۈسەڭلار، ئاراڭلاردا قالغان يات خەلقلەر بىلەن ئارىلىشىپ، ئۇلار بىلەن دوستلاشساڭلار ۋە نىكاھلاشساڭلار،


ئۇلار بىلەن ئۆزئارا تويلىشىپ، ئۇلارنىڭ ئىلاھلىرىغا چوقۇندى.


شۇنداقلا ئوغۇللىرىڭمۇ يات خەلقلەرنىڭ قىزلىرىنى نىكاھىغا ئېلىپ، مەندىن يۈز ئۆرۈشى ۋە يات ئىلاھلارغا چوقۇنۇشى مۇمكىن.


ئۇلار گىلئاد زېمىنىغا يېتىپ بارغاندىن كېيىن، رۇبېن، گاد ۋە ماناسسەنىڭ شەرقىي يېرىمىدىكى قەبىلىلەر بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇلارغا مۇنداق دېدى:


ئاخابقا نىسبەتەن نىباتنىڭ ئوغلى ياروبئامغا ئوخشاش گۇناھ ئۆتكۈزۈش ھېچقانچە ئىش ئەمەس ئىدى. ئۇ ھەتتا سىدون پادىشاھى ئەتبائالنىڭ قىزى ئىزەبەلنى ئەمرىگە ئېلىپ، ئۇلارنىڭ ئىلاھى بائالغا چوقۇندى


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite