4 ئەي ئىسرائىللار، قۇلاق سېلىڭلار، پەرۋەردىگار بىزنىڭ خۇدايىمىزدۇر، ئۇ يېگانىدۇر.
ئىسرائىللارنىڭ پادىشاھى ۋە قوغدىغۇچىسى قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «تۇنجىسى ۋە ئاخىرقىسى مەن بولىمەن، مەندىن باشقا ھېچبىر خۇدا يوق.
چۈنكى، خۇدا بىردۇر، خۇدا بىلەن ئىنسانلار ئارىسىدىكى كېلىشتۈرگۈچىمۇ بىردۇر. ئۇ بولسىمۇ ئىنسان تېنىدە دۇنياغا كەلگەن ئەيسا مەسىھتۇر.
مەڭگۈلۈك ھايات بولسا ھەقىقىي بىردىنبىر خۇدا - سېنى ۋە سەن ئەۋەتكەن ئەيسا مەسىھنى تونۇشتۇر.
ئاتام ئىككىمىز ئەسلىدە بىرمىز.
قورقماڭلار! تىترەپ كەتمەڭلار! بۇرۇن مەن سىلەرگە نېمە ئىشلارنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقىنى ئالدىن ئېيتقان ئەمەسمۇ؟ سىلەر مېنىڭ گۇۋاھچىلىرىم! مەندىن باشقا يەنە خۇدا بارمۇ؟ يوق! مەندىن باشقا سىلەرنى قوغدىيالايدىغان ھېچقانداق قورام تاش يوقتۇر.»
مەن ‹ياھۋەھ›دۇرمەن، بۇ مېنىڭ نامىمدۇر. ماڭا تېگىشلىك بولغان ئۇلۇغلۇقنى باشقا ھېچقانداق بىرى بىلەن ئورتاقلاشمايمەن. مەن بۇتلارنىڭ ماڭا ئوخشاش مەدھىيەلىنىشىگە يول قويمايمەن.
داۋۇت پۈتۈن جامائەت ئالدىدا پەرۋەردىگارنى مەدھىيەلەپ ھەمدۇسانا ئوقۇدى: «ئى پەرۋەردىگار، يەنى ئەجدادىمىز ئىسرائىل ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا، ساڭا ئەبەدىلئەبەد مەدھىيەلەر بولسۇن!
ئىلياس خەلقنىڭ ئالدىغا كېلىپ: _ سىلەر قاچانغىچە ئىككىلىنىپ يۈرىسىلەر؟ ئەگەر سىلەر پەرۋەردىگار «ياھۋەھ»نى ھەقىقىي خۇدا دەپ بىلسەڭلار، «ياھۋەھ»كە ئەگىشىڭلار، ئەگەر بائالنى ھەقىقىي خۇدا دەپ بىلسەڭلار، بائالغا ئەگىشىڭلار، _ دېدى. لېكىن خەلق ئۇنىڭغا بىر ئېغىزمۇ جاۋاب بەرمىدى.
«مەن سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار خۇدادۇرمەن، سىلەرنى مىسىردىن ئېلىپ چىقىپ، قۇللۇقتىن قۇتۇلدۇردۇم.
پادىشاھ خىزكىيانىڭ ئەلچىلىرى يەشايا پەيغەمبەرنىڭ ئالدىغا كېلىپ، پادىشاھنىڭ سۆزلىرىنى يەتكۈزگەندىن كېيىن،
ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى: - «پەرۋەردىگارىڭ بولغان خۇدانى پۈتۈن قەلبىڭ، پۈتۈن جېنىڭ، پۈتۈن زېھنىڭ بىلەن سۆيگىن.»
ھېلىقى كىشى مۇنداق جاۋاب بەردى: - «پەرۋەردىگارىڭ بولغان خۇدانى پۈتۈن قەلبىڭ، پۈتۈن جېنىڭ، پۈتۈن كۈچۈڭ ۋە پۈتۈن زېھنىڭ بىلەن سۆيگىن»؛ بۇنىڭدىن قالسا، «قوشناڭنى ئۆزۈڭنى سۆيگەندەك سۆي.»
چۈنكى، خۇدا بىردۇر. ئۇ خەتنە قىلىنغان يەھۇدىيلارنى، شۇنداقلا خەتنە قىلىنمىغان يەھۇدىي ئەمەسلەرنىمۇ بىرلا يول بىلەن، يەنى ئۇلارنىڭ ئەيسا مەسىھكە بولغان ئېتىقادى بىلەن ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلايدۇ.
ھەممىمىزنىڭ ئاتىسى بولغان خۇدا بىردۇر. ئۇ ھەممىمىزدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ، ھەممىمىز ئارقىلىق ئۆز ئىرادىسىنى ئىجرا قىلىدۇ، شۇنداقلا ھەممىمىزنىڭ قەلبىدىدۇر.
سەن خۇدانىڭ بىر ئىكەنلىكىگە ئىشەنسەڭلا كۇپايە قىلامدۇ؟ خۇدانىڭ بىر ئىكەنلىكىگە ھەتتا جىنلارمۇ ئىشىنىدۇ ھەم ئۇنىڭدىن قورقۇپ دىر-دىر تىترەيدۇ.
شۇڭا سىلەر شۇنى بىلىشىڭلار ۋە ئېسىڭلاردا تۇتۇشۇڭلار كېرەككى، پەرۋەردىگار ئەرشنىڭ ۋە زېمىننىڭ خۇداسىدۇر، ئۇنىڭدىن باشقا خۇدا يوقتۇر.
ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ قانۇنىنى كۆتۈرۈپ يۈرۈپ، يەھۇدىيەنىڭ ھەممە شەھەرلىرىدە خەلققە تەلىم بېرىشتى.
سەن بىردىنبىر پەرۋەردىگاردۇرسەن! سەن ئاسماننى، ھەتتا ئەرشئەلا ۋە پۈتۈن يۇلتۇزلارنى، زېمىن ۋە ئۇنىڭدىكى بارلىق مەۋجۇداتنى، دېڭىز-ئوكيان ۋە ئۇنىڭدىكى ھەممە نەرسىنى ياراتتىڭ. سەن پۈتكۈل مەۋجۇداتلارغا جان بەرگۈچىدۇرسەن. ئەرشئەلادىكى پەرىشتىلەر ساڭا ئىبادەت قىلىدۇ.
پەرزلىرىنى چۈشۈردى ئۇ ياقۇپ نەسلىگە، قانۇنلىرىنى تۇرغۇزدى ئۇ ھەم ئىسرائىللارغا. «بالاڭلارغا ئۆگىتىڭلار بۇلارنى» دەپ، ئەمر قىلغانىدى ئۇ ئەجدادىمىزغا.
ئاجايىپ ئۇلۇغ مۆجىزىلەر ئىگىسىسەن، بەرھەق، يالغۇز سەنلا خۇدادۇرسەن.
پەرۋەردىگار پۈتۈن يەر يۈزىنىڭ پادىشاھى بولىدۇ. ئۇ كۈن كەلگەندە، ھەممە ئادەم ئۇنىڭ يېگانە پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىنى ۋە نامىنىڭمۇ يېگانە ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىشىدۇ.