Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




قانۇننىڭ تەكرارى 6:11 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

11 ئۇ يەردىكى ئۆيلەردە تولۇپ تۇرغان گۈزەل نەرسىلەرنى سىلەر توپلىمىغان، قۇدۇقلارنى سىلەر قازمىغان، ئۈزۈمزارلىق ۋە زەيتۇنلۇقلارنى سىلەر بەرپا قىلمىغان. شۇڭا سىلەر ئۇ يەردە يەپ-ئىچىپ تويغاندىن كېيىن،

Gade chapit la Kopi




قانۇننىڭ تەكرارى 6:11
14 Referans Kwoze  

لېكىن ئىسرائىللار يەپ-ئىچىپ تويۇپ، سەمرىگەندىن كېيىن ئاسىيلىق قىلدى. ئۇلارنى ياراتقان خۇدادىن يۈز ئۆرۈدى ۋە ئۇلارنى قۇتقۇزغان قورام تاشنى كۆزگە ئىلمىدى.


ئىسرائىللار پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يامان بولغان ئىشلارنى قىلىپ، ئۆز پەرۋەردىگارى خۇدانى ئۇنتۇپ، ئىلاھ بائال ۋە ئىلاھە ئاشېرانىڭ بۇتلىرىغا چوقۇندى.


چارۋا ماللىرىڭلارنى ئېتىزىڭلاردا ئوت-چۆپلەرگە ئىگە قىلىدۇ. سىلەر يەيسىلەر، توق ياشايسىلەر.


ئۇنى يۇرتۇڭلاردىكى يات خەلقلەر، يېتىم بالىلار، تۇل ئاياللار ۋە يەر تەقسىم قىلىنمىغان لاۋىيلارغا بېرىڭلار، ئۇلار يەپ تويسۇن. شۇنداق قىلساڭلار، پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا ئىشىڭلارنى راۋان قىلىپ، بەختكە ئېرىشتۈرىدۇ.


_ سىلەر پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا سىلەرگە ئاتا قىلغان زېمىندىكى ئەللەرنى قوغلاپ چىقىرىپ، ئۇ يەردىكى شەھەر ۋە ئۆيلەرگە ئولتۇراقلاشقاندىن كېيىن،


سىلەر بوز يەر ئاچمىدىڭلار، شەھەر بەرپا قىلمىدىڭلار، لېكىن سىلەر ھازىر شۇ شەھەرلەردە ياشاۋاتىسىلەر. باشقىلار ئۆستۈرگەن ئۈزۈم ۋە زەيتۇنلاردىن بەھرىمەن بولۇۋاتىسىلەر.»


خەلقىڭ سېپىللىرى مۇستەھكەم شەھەرلەرنى ۋە مۇنبەت يەرلەرنى تارتىۋالدى. ئۇلار مال-دۇنيا بىلەن تولغان ئۆيلەرگە، قېزىپ قويۇلغان قۇدۇقلارغا، ئۈزۈمزارلىقلارغا، زەيتۇنلۇقلارغا ۋە مول مېۋىلىك باغلارغا ئىگە بولدى. ئۇلار قانغۇچە يەپ-ئىچىپ، سەمرىدى ۋە ئاتا قىلغان پۈتكۈل نېمەتلىرىڭدىن بەھرىمەن بولدى.


يات ئەللەرنىڭ زېمىنلىرىنى بەردى ئۇلارغا پەرۋەردىگار، باشقىلارنىڭ ئەجىر-مېھنەتلىرىگە مۇيەسسەر بولدى ئۇلار،


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite