1 _ پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا ماڭا تۆۋەندىكى ئەمر ۋە قانۇن-نىزاملارنى سىلەرگە ئۆگىتىشىمنى ئەمر قىلدى. ئۇنىڭغا سىلەر || ئىگىلىگەن | ئىگىلەيدىغان || زېمىنلاردا ئەمەل قىلىڭلار.
_ ئەي ئىسرائىللار، مەن سىلەرگە ئۆگەتمەكچى بولغان قانۇن-نىزاملارغا قۇلاق سېلىڭلار، ئۇلارغا ئەمەل قىلىڭلار. شۇنداق قىلساڭلار ھايات قالىسىلەر، ئەجدادلىرىڭلار ئېتىقاد قىلغان پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا سىلەرگە ئاتا قىلغان زېمىنغا كىرىپ، ئۇ يەرگە ئىگە بولالايسىلەر.
_ ئەجدادلىرىڭلار ئېتىقاد قىلغان پەرۋەردىگار خۇدا سىلەرگە ئاتا قىلغان زېمىندا ياشىغان ۋاقتىڭلاردا، تۆۋەندىكى قانۇن-نىزاملارغا كۆڭۈل قويۇپ ئەمەل قىلىڭلار:
مۇسا بۇ قانۇن-نىزام ۋە قائىدىلەرنى ئىسرائىللار مىسىردىن ئايرىلغاندىن كېيىن ئۇلارغا ئۆگەتتى.
لېكىن سەن يېنىمدا قالغىن. مەن ساڭا بارلىق ئەمرلەرنى، قانۇن-نىزاملارنى سۆزلەپ بېرەي، سەن ئۇلارنى خەلققە ئۆگەتكىن. ئۇلار بۇ قانۇننى مەن ئۇلارغا مۈلۈك قىلىپ بەرگەن زېمىنلاردا ئەمەلگە ئاشۇرسۇن.»
مانا بۇلار پەرۋەردىگارنىڭ سىناي تېغىدا مۇسا ئارقىلىق ئىسرائىللارغا يەتكۈزگەن ئەمر-پەرمانلىرىدۇر.
خىزمەتكارىم بولغان داۋۇتنىڭ ئەۋلادىدىن پادىشاھ چىقىپ، ئۇلارنىڭ پادىشاھى بولىدۇ. ئۇ ئىسرائىللارنىڭ بىردىنبىر قويچىسى بولىدۇ. ئۇلار مېنىڭ قانۇنلىرىمغا رىئايە قىلىدۇ، بەلگىلىمىلىرىمگە چىن قەلبىدىن بويسۇنىدۇ.
ئەينى چاغدا پەرۋەردىگار ماڭا بۇ قانۇن-نىزاملارنى سىلەرگە ئۆگىتىشىمنى ۋە بۇ قانۇنلارنى سىلەر || ئىگىلىگەن | ئىگىلەيدىغان || زېمىنلاردا ئىجرا قىلىشىڭلارنى ئەمر قىلدى.
مەن پەرۋەردىگارىم خۇدانىڭ ماڭا قىلغان ئەمرلىرى بويىچە، ئۇنىڭ قانۇن-نىزاملىرىنى سىلەرگە ئۆگەتتىم. ئۇلارنى سىلەر || ئىگىلىگەن | ئىگىلەيدىغان || زېمىنلاردا ئىجرا قىلىڭلار.
يۇقىرىقىلار ئېرىخا شەھىرىنىڭ قارشى تەرىپىدىكى، ئىئوردان دەرياسىنىڭ بويىدىكى موئاب تۈزلەڭلىكىدە پەرۋەردىگارنىڭ مۇسا ئارقىلىق ئىسرائىللارغا چۈشۈرگەن ئەمر ۋە قانۇنلىرىدۇر.
_ سەن ئىسرائىل خەلقىگە تۆۋەندىكى بەلگىلىمىلەرنى ئېلان قىل:
پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا ئەمر قىلغان يول بويىچە مېڭىڭلار. شۇنداق قىلساڭلار، ھايات قالىسىلەر، ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈپ، || ئىگىلىگەن | ئىگىلەيدىغان || زېمىنلاردا گۈللىنىسىلەر.
سىلەر، پەرزەنتلىرىڭلار ۋە نەۋرىلىرىڭلار پەرۋەردىگارىڭلار خۇدادىن ئۆمۈرۋايەت ئەيمىنىپ، پەرۋەردىگارنىڭ مەن ئارقىلىق سىلەرگە يەتكۈزۈلگەن بارلىق قانۇن-نىزاملىرىغا ئەمەل قىلساڭلار، ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىسىلەر.
پەرۋەردىگار ئۆز خەلقىنى سۆيىدۇ، ئۇ ئۆزىگە بېغىشلانغانلارنى قوغدايدۇ. ئۇلار ئۇنىڭغا تەزىم قىلىدۇ، ئۇنىڭدىن تەلىم ئالىدۇ.
مەن سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار خۇدادۇرمەن. مېنىڭ قانۇنۇمغا رىئايە قىلىڭلار، بەلگىلىمىلىرىمگە كۆڭۈل قويۇپ ئەمەل قىلىڭلار.
مەن پەرۋەردىگار سىلەرگە ئېيتقان سۆزلەرگە تولۇق ئەمەل قىلىڭلار، باشقا ئىلاھلارنىڭ نامى بىلەن دۇئا قىلماڭلار، ھەتتا ئۇلارنىڭ نامىنى تىلغىمۇ ئالماڭلار.
شۇ ۋاقىتتا مەن ئۇلارغا مۇنداق دېدىم: «پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا بۇ زېمىننى سىلەرگە مۈلۈك قىلىپ بەردى. لېكىن سىلەرنىڭ قوراللانغان بارلىق لەشكەرلىرىڭلار ئالدى بىلەن دەريادىن ئۆتسۇن، باشقا قەبىلىلەر ئارقاڭلاردىن ئەگەشسۇن.