8 ئاسمان، زېمىن ياكى سۇدىكى ھەرقانداق نەرسىلەرنىڭ شەكلىدە بۇت ياسىماڭلار.
ئاسمان، زېمىن ۋە سۇدىكى ھەرقانداق نەرسىلەرنىڭ شەكلىدە بۇت ياسىماڭلار.
چوقۇنۇش ئۈچۈن بۇت ياسىماڭلار.
«ئۆزۈڭلارغا مەبۇد، بۇت ياكى بۇتسىمان تاش تۈۋرۈك تىكلىمەڭلار. زېمىنىڭلاردا تاشقا شەكىل ئويۇپ، ئۇنىڭغا چوقۇنماڭلار. چۈنكى مەن پەرۋەردىگارىڭلار خۇدادۇرمەن.
مەن ئۇنىڭغا يۈزتۇرانە سۆزلەيمەن، يوشۇرۇن مەنىلەر بىلەن ئەمەس، بەلكى ئېنىق قىلىپ سۆزلەيمەن. ئۇ سىياقىمنى كۆرىدۇ. ۋاھالەنكى سىلەر قانداق قىلىپ ئۇنىڭغا قارشى سۆزلەشكە پېتىندىڭلار؟
«ئويما ۋە قۇيما بۇت ياساپ، مەخپىي جايغا تىكلىگەنلەر قارغىشقا قالىدۇ! بۇتلارنى ھۈنەرۋەنلەر ياسايدۇ، بۇلاردىن پەرۋەردىگار يىرگىنىدۇ!» پۈتۈن خەلق: «ئامىن!» دېسۇن.
شەرمەندىلىكتە قالار ئاخىر بۇتپەرەسلەر، ئەرزىمەس بۇتلىرىنى ماختىغانلار. پەرۋەردىگارغا سەجدە قىلار بارلىق «ئىلاھلار».