Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




قانۇننىڭ تەكرارى 5:2 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

2 پەرۋەردىگارىمىز خۇدا بىز بىلەن سىناي تېغىدا ئەھدە تۈزگەنىدى.

Gade chapit la Kopi




قانۇننىڭ تەكرارى 5:2
16 Referans Kwoze  

ھوشيار بولۇڭلار، پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانىڭ سىلەر بىلەن تۈزگەن ئەھدىسىنى ئۇنتۇماڭلار. پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانىڭ ئەمرىگە خىلاپلىق قىلىپ، ھەر خىل نەرسىنىڭ سىياقىدا بۇت ياسىماڭلار.


شۇنىڭ بىلەن مۇسا داستىكى قاننى خەلقنىڭ ئۇچىسىغا سېپىپ: _ بۇ قان ئەھدە قېنىدۇر، پەرۋەردىگارنىڭ بۇ سۆزلىرى ئۇنىڭ سىلەر بىلەن تۈزگەن ئەھدىسىنىڭ ئاساسىدۇر، _ دېدى.


ئىسرائىللار مىسىردىن چىقىپ دەل ئىككى ئاي بولغان كۈنى سىناي چۆلىگە يېتىپ كېلىپ،


شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى: _ ئەمدى مەن سىلەر بىلەن ئەھدە تۈزىمەن. مەن سىلەرنىڭ كۆز ئالدىڭلاردا دۇنيانىڭ ھېچقانداق يېرىدە يۈز بېرىپ باقمىغان ياكى ھېچقانداق بىر خەلق كۆرۈپ باقمىغان بۈيۈك كارامەتلەرنى كۆرسىتىمەن. ئەتراپىڭلاردىكى خەلقلەر مەن پەرۋەردىگارنىڭ سىلەر ئۈچۈن كۆرسەتكەن بۈيۈك كارامەتلىرىمنى كۆرىدۇ.


مۇسا پۈتۈن ئىسرائىل خەلقىنى چاقىرىپ، ئۇلارغا بۇ سۆزلەرنى قىلدى: _ ئەي ئىسرائىللار، بۈگۈن مەن سىلەرگە جاكارلىغان بۇ قانۇن-نىزاملارغا قۇلاق سېلىڭلار، ئۇلارنى ئۆگىنىڭلار، ئۇلارغا كۆڭۈل قويۇپ ئەمەل قىلىڭلار.


پەرۋەردىگار سىناي تېغىدا ئىسرائىللار بىلەن ئەھدە تۈزگەندىن باشقا، موئابتىمۇ ئۇلار بىلەن ئەھدە تۈزدى. يۇقىرىدىكىلەر پەرۋەردىگار مۇسا ئارقىلىق ئەمر قىلغان، يەنى ئىسرائىللار بىلەن تۈزگەن ئەھدىنىڭ مەزمۇنىدۇر.


بۇ ئەھدە، مەن ئۇلارنىڭ ئەجدادلىرىنى قولىدىن يېتىلەپ، مىسىردىن ئېلىپ چىققاندا تۈزگەن بۇرۇنقى ئەھدىگە ئوخشىمايدۇ. مەن بۇرۇن ئۇلارغا ساداقەتمەن ئەر بولغان بولساممۇ، ئۇلار يەنىلا ئەھدىنى بۇزدى.


«مەن پەرۋەردىگار، ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا سىلەرگە شۇنداق دەيمەنكى، مەن ئەجدادلىرىڭلارنى مىسىردىن ئېلىپ چىقىپ، قۇللۇقتىن قۇتۇلدۇرغاندا، ئۇلار بىلەن بىر ئەھدە تۈزگەنىدىم. مەن ئۇلارغا:


مەن سىناي تېغىدا خىزمەتكارىم مۇسا ئارقىلىق بارلىق ئىسرائىل خەلقىگە چۈشۈرگەن تەۋراتتىكى ئەمر-پەرمانلىرىمنى چىن قەلبىڭلارغا پۈكۈڭلار.


_ پەرۋەردىگارىمىز خۇدا سىناي تېغىدا بىزگە مۇنداق دېگەنىدى: «سىلەر بۇ يەردە خېلى ئۇزۇن ۋاقىت تۇرۇپ قالدىڭلار.


ئۇ سىلەرگە ئۆزىنىڭ ئەھدىسىنى، يەنى سىلەر ئەمەل قىلىشقا تېگىشلىك بولغان ئون تۈرلۈك پەرزنى ئېلان قىلدى ھەمدە ئۇنى ئىككى پارچە تاش تاختىغا يازدى.


پەرۋەردىگار ئىسرائىللار بىلەن ئەھدىلىشىپ، ئۇلارغا مۇنداق دەپ ئەمر قىلغانىدى: «باشقا ئىلاھلارغا ئىبادەت قىلماڭلار، سەجدە قىلماڭلار، چوقۇنماڭلار ۋە قۇربانلىق قىلماڭلار.


بۇ ئەھدە مەن سىلەرنىڭ ئەجدادلىرىڭلارنى مىسىردىن _ تۆمۈر تاۋلاش ئوچىقىدىن قۇتۇلدۇرۇپ چىققىنىمدا، ئۇلار بىلەن تۈزگەن ئەھدىدۇر. مەن ئۇلارغا: ‹ئەگەر سىلەر ماڭا ئىتائەت قىلىپ، پۈتۈن ئەمرلىرىمگە بويسۇنساڭلار، سىلەر مېنىڭ خەلقىم بولىسىلەر، مەنمۇ سىلەرنىڭ خۇدايىڭلار بولىمەن› دەپ ئېيتقانىدىم.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite