11 نامىمنى قالايمىقان تىلغا ئالماڭلار. كىمدەكىم نامىمنى قالايمىقان تىلغا ئالسا، مەن پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا ئۇنى چوقۇم جازالايمەن.
نامىمنى قالايمىقان تىلغا ئالماڭلار. كىمدەكىم نامىمنى قالايمىقان تىلغا ئالسا، مەن پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا ئۇنى چوقۇم جازالايمەن.
پەرۋەردىگارىڭلار خۇدادىن ئەيمىنىڭلار، ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىڭلار، يالغۇز ئۇنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىڭلار.
مېنىڭ نامىم بىلەن قەسەم قىلساڭلار، قەسىمىڭلاردا چىڭ تۇرۇڭلار، بولمىسا نامىمنى بۇلغايسىلەر. مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن.
قېرىنداشلىرىم، ئەڭ مۇھىمى، قەسەم قىلماڭلار! ئاسمان، زېمىن ۋە باشقا نەرسىلەرنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلغۇچى بولماڭلار. جاۋابىڭلار تۈزلا «ھەئە» ياكى «ياق» بولسۇن. شۇنداق قىلغاندا، خۇدانىڭ جازاسىغا تارتىلمايسىلەر.
مېنىڭ نامىم بىلەن قەسەم قىلغاندا، سەمىمىيلىك، ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىق بىلەن قىلىڭلار. ئەگەر شۇنداق قىلساڭلار، باشقا ئەللەرمۇ ئالدىمغا كېلىپ بەخت-سائادەتكە ئېرىشىدۇ. ئۇلار مەندىن پەخىرلىنىدۇ.»
كۇپۇرلۇق سۆزلەر سەن ھەققىدە، ئى خۇدا، دۈشمەنلىرىڭ نامىڭنى قالايمىقان ئېلىپ تىلغا.
پەرۋەردىگارىڭلار خۇدادىن ئەيمىنىڭلار، ئۇنىڭ ئۈچۈن خىزمەت قىلىڭلار ۋە ئۇنىڭغا سادىق بولۇڭلار، پەقەت ئۇنىڭ نامى بىلەنلا قەسەم قىلىڭلار.
سىلەر باشقىلارنى قارغايسىلەر، يالغان سۆزلەيسىلەر، قاتىللىق، ئوغرىلىق ۋە زىنا قىلىسىلەر. قان ئۈستىگە قان تۆكىسىلەر، گۇناھلىرىڭلارنىڭ چېكى يوقتۇر.