10 لېكىن، مېنى سۆيگەن، ئەمرلىرىمگە ئىتائەت قىلغانلارنىڭ مىڭ ئەۋلادىغىچە مېھرىبانلىق قىلىمەن.
خۇدانىڭ ئۆزىنى سۆيىدىغانلارنىڭ، يەنى ئۆزىنىڭ ئىرادىسى بويىچە چاقىرىلغانلارنىڭ ھاياتىدا مەيلى قانداق ئىشلار يۈز بەرسۇن، ئۇلارنىڭ پۈتكۈل ئىشلىرىنى ماسلاشتۇرۇپ، ھەممىنى شۇلارنىڭ مەنپەئىتى ئۈچۈن ئورۇنلاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلىمىز.
شۇڭا، خۇدا يورۇقلۇقتا بولغىنىدەك، بىزمۇ يورۇقلۇقتا بولساق، بىر-بىرىمىزگە يېقىن بولىمىز ھەم خۇدانىڭ ئوغلى ئەيسا مەسىھنىڭ قۇربانلىق قېنى بىزنى بارلىق گۇناھتىن پاك قىلىدۇ.
سەن مىليونلىغان ئىنسانلارغا چەكسىز مېھىر-مۇھەببەت كۆرسەتتىڭ. بىراق سەن يەنە ئاتا-ئانىلارنىڭ گۇناھلىرى ئۈچۈن پەرزەنتلىرىنى جازالايسەن. سەن بولساڭ، كۈچ-قۇدرەتلىك ئۇلۇغ خۇداسەن. سېنىڭ نامىڭ قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگاردۇر.
گۇناھ قىلىشتىن ئەركىن قىلىدىغان مۇكەممەل قانۇننى داۋاملىق ئەستايىدىللىق بىلەن ئۆگەنگۈچى ئاڭلىغىنىنى ئۇنتۇپ قالماي، بەلكى ئۇنى ئىجرا قىلسا، ئۇ ھەممە ئىشلىرىدا بەختلىك قىلىنىدۇ.
بىز ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولغانلىقىمىز ئۈچۈن، خەتنە قىلىش ياكى قىلماسلىق مۇھىم ئەمەس، پەقەت مېھىر-مۇھەببەت ئارقىلىق ئىپادىلەنگەن ئېتىقادلا مۇھىم، دەپ قارايمىز.
سىلەرگە بۇيرۇغان ئەمرلىرىمنى ئادا قىلساڭلار، مېنىڭ دوستلىرىم بولىسىلەر.
دۇئايىمدا گۇناھلىرىمىزنى پەرۋەردىگارىم خۇداغا ئىقرار قىلدىم: «ئى پەرۋەردىگارىم خۇدا، سەن ئۇلۇغ ۋە ھەيۋەتلىكسەن! سېنى سۆيگەن ۋە ئەمرلىرىڭگە ئىتائەت قىلغانلارغا مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىپ، ئەھدەڭدە تۇرىسەن.
ھەزرىتى ئەيسا شاگىرتلىرىغا يەنە مۇنداق دېدى: - مېنى سۆيسەڭلار، ئەمرلىرىمگە ئەمەل قىلىسىلەر.
ئۇلارغا چوقۇنۇپ، سەجدە قىلماڭلار. چۈنكى مەن ساداقەتسىزلىكنى ئۆچ كۆرىدىغان پەرۋەردىگار خۇدادۇرمەن. مەندىن نەپرەتلەنگەنلەرنى تاكى ئۈچىنچى، تۆتىنچى ئەۋلادىغىچە جازالايمەن.
مېھىر-مۇھەببىتىم مىڭلىغان ئەۋلادقىچە داۋاملىشىدۇ، ئۇلارنىڭ گۇناھلىرىنى، ئاسىيلىقلىرىنى ۋە سەۋەنلىكلىرىنى كەچۈرىمەن. لېكىن گۇناھىغا توۋا قىلمىغان گۇناھكارلارنى جازالىماي قويمايمەن، ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرىنى تاكى ئۈچىنچى، تۆتىنچى ئەۋلادىغىچە جازالايمەن.
سەن پەرۋەردىگار ئاسانلىقچە غەزەپلەنمەيسەن، مېھىر-مۇھەببىتىڭ چەكسىزدۇر، گۇناھ ۋە ئاسىيلىقلارنى كەچۈرۈم قىلىسەن. لېكىن سەن گۇناھكارلارنى جازالىماي قويمايسەن، ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرىنى تاكى ئۈچىنچى، تۆتىنچى ئەۋلادىغىچە جازالايسەن.
سىلەر شۇنى بىلىشىڭلار كېرەككى، پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا ھەقىقىي ۋە ئىشەنچلىك خۇدادۇر. ئۇ ئۆز ئەھدىسىدە تۇرۇپ، ئۆزىنى سۆيگەنلەرنىڭ ۋە ئۆزىنىڭ ئەمرلىرىگە ئەمەل قىلغانلارنىڭ مىڭ ئەۋلادىغىچە مېھرىبانلىق قىلىدۇ.
مۇسا پەيغەمبەرنىڭ بارلىق كۆرسەتمىسى ۋە بۇيرۇقلىرىغا چوقۇم ياخشى ئەمەل قىلىڭلار! پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانى سۆيۈڭلار، ئۇنىڭ كۆرسەتكەن يولىدا مېڭىڭلار، ئەمرلىرىگە بويسۇنۇڭلار، ئۇنىڭغا سادىق بولۇڭلار، پۈتۈن قەلبىڭلار ۋە پۈتۈن ۋۇجۇدىڭلار بىلەن خىزمەت قىلىڭلار! _ دېدى.
ئەمما پەرۋەردىگار ئۆزىگە ئىخلاس قىلغانلارغا، ھەم ئۇنىڭ ئەھدىسىگە سادىق بولغانلارغا، ئەمرلىرىگە ئەمەل قىلىشنى ئېسىدە تۇتقانلارغا، ئۇ كۆرسىتەر مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىنى ئاداققىچە، ھەققانىيىتى داۋام ئېتەر ئەۋلادتىن-ئەۋلادقىچە.
مەن بۈگۈن پەرۋەردىگارنىڭ قانۇن-نىزاملىرىنى سىلەرگە يەتكۈزىمەن، ئۇلارغا ئەمەل قىلىڭلار. شۇنداق قىلساڭلار، سىلەر ۋە ئەۋلادلىرىڭلارنىڭ بارلىق ئىشلىرى ئوڭۇشلۇق بولىدۇ. سىلەر پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا سىلەرگە مەڭگۈ ئىگىدارچىلىق قىلىشقا ئاتا قىلغان بۇ زېمىندا ئۇزۇن ياشىيالايسىلەر.
ئەگەر سىلەر بۇلارنىڭ ھەممىسىگە بويسۇنساڭلار، ئەمەل قىلساڭلار، پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا ئەجدادلىرىڭلار بىلەن قەسەم قىلىپ تۈزگەن ئەھدىسىدە تۇرۇپ، سىلەرگە مېھرىبانلىق قىلىدۇ.