8 قايسى ئۇلۇغ خەلقنىڭ مەن بۈگۈن سىلەرگە ئۆگەتكەندەك شۇنداق ئادالەتلىك قانۇن-نىزاملىرى بار؟
ئىشەنچلىكتۇر ئەمرلىرىڭنىڭ ھەممىسىلا، ياردەم قىل، دۈشمەنلەر سەۋەبسىز زىيانكەشلىك قىلماقتا ماڭا.
كۆردۈم مەن چەكلىكلىكىنى ھەممە نەرسىنىڭ، ئەمما كەمتۈكى يوقتۇر ئەمرلىرىڭنىڭ.
ئەلۋەتتە، ئۇلارنىڭ ھەر جەھەتتىن كۆپ ئارتۇقچىلىقى بار. بىرىنچىدىن، خۇدانىڭ سۆزى يەھۇدىيلارغا ئامانەت قىلىنغان.
ئۇ سىلەرنى مەدھىيە، شۆھرەت ۋە ھۆرمەتكە سازاۋەر قىلىدۇ، ئۆزى ياراتقان بارلىق خەلقلەردىن ئۈستۈن قىلىدۇ. ئۇ ئۆزى بەرگەن ۋەدىسى بويىچە سىلەرنى ئۆزىگە ئاتالغان مۇقەددەس بىر خەلق قىلىدۇ.
تەختىڭنىڭ ئۇلى بولسا ھەققانىيلىق، ئادالەتتۇر، مۇھەببەت ۋە ساداقەتلىك ھۆكۈمرانلىقىڭنىڭ ھەمراھىدۇر.
سىرلىق ۋە پىنھانلىق ئارا تۇرار پەرۋەردىگار، ھەققانىيەت، ئادالەتتە تەختى ئۇنىڭ مەزمۇت تۇرار.
پەرزلىرىڭ ئادىلدۇر تائەبەدكە، روھلىناي مەن، نۇر ئاتا قىل قەلبىمگە.
كالامىڭنىڭ ئاساسى ھەقىقەتتۇر، ھۆكۈملىرىڭ ئادىل، مەڭگۈگە داۋام قىلۇر.
مەن ئۇلارغا شۇنچە كۆپ قانۇنلارنى بەلگىلىدىم، لېكىن ئۇلار بۇ قانۇنلارنى غەلىتە ھېس قىلىپ، رەت قىلدى.
سەن سىناي تېغىغا چۈشتۈڭ، ئەرشتىن خەلقىڭگە سۆز قىلدىڭ ۋە ئۇلارغا ئادىل تۈزۈم، ھەق قانۇن ۋە لىللا ئەمر-پەرمانلارنى چۈشۈردۈڭ.
ئادىلدۇر بۇيرۇغان پەرزلىرىڭ، ئىشەنچلىكتۇر ھەممىسى ئۇلارنىڭ.
پەرۋەردىگار ھەققانىي بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇ ئۆزىنىڭ شەرەپلىك تەلىملىرىنى ئۇلۇغلىغانىدى.