Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




قانۇننىڭ تەكرارى 4:6 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

6 سىلەر بۇ قانۇن-نىزاملارغا ئەمەل قىلساڭلار، يات ئەللەرمۇ سىلەرنىڭ ئەقىل-پاراسىتىڭلارنى بىلىپ يېتىدۇ. ئۇلار بۇ قانۇن-نىزاملارنى ئاڭلاپ: «بۇ ئۇلۇغ خەلق ھەقىقەتەن ئەقىل-پاراسەتلىك ئىكەن» دېيىشىدۇ.

Gade chapit la Kopi




قانۇننىڭ تەكرارى 4:6
27 Referans Kwoze  

خۇدا ئىنسانلارغا شۇنداق دېدى: «پەرۋەردىگارغا ئىخلاسمەنلىك دانالىقتۇر، رەزىللىكتىن يىراق تۇرۇش ئەقىل-پاراسەتتۇر.»


دانالىق پەرۋەردىگارغا ئىخلاسمەنلىكتىن باشلىنۇر، ئەمرىگە ئەمەل قىلغۇچىلار ھېكمەتلىك بولۇر. پەرۋەردىگارغا ئاتالغان ھەمدۇسانالار مەڭگۈلۈك بولۇر.


سەن بالىلىق چاغلىرىڭدىن تارتىپلا مۇقەددەس يازمىلارنى ئۆگەندىڭ. بۇ يازمىلار ساڭا ئەيسا مەسىھكە بولغان ئېتىقاد ئارقىلىق قۇتقۇزۇلۇشقا ئېلىپ بارىدىغان ئەقىل-پاراسەتنى تەقدىم قىلدى.


يەر يۈزىدىكى پادىشاھلار سۇلايماننىڭ ئەقىل-پاراسەتلىك ئىكەنلىكىدىن خەۋەر تېپىپ، ئۇنىڭ ھېكمەتلىك سۆزلىرىنى ئاڭلاپ كېلىشكە ئادەملەر ئەۋەتىشكەنىدى.


ئاراڭلاردا كىم ئەقىل-پاراسەتلىك بولسا، ئۇ ئۆز ھاياتىدا كەمتەرلىك بىلەن قىلغان ياخشى ئىشلىرى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئەقىل-پاراسىتىنى كۆرسەتسۇن.


دانالار نومۇسقا قېلىپ، ساراسىمىگە چۈشۈپ، قىلتاققا ئىلىندى. ئۇلار مېنىڭ سۆزلىرىمنى رەت قىلغان تۇرسا، ئۇلاردا قانداقمۇ ئەقىل-پاراسەت بولسۇن؟


پەرۋەردىگاردىن ئەيمىنىش ئەقىل-ئىدراكنىڭ باشلىنىشىدۇر. ئەخمەقلەر دانالىق ۋە تەلىم-تەربىيىنى كەمسىتىدۇ.


مۇكەممەلدۇر پەرۋەردىگارنىڭ تەلىملىرى، يېڭىلار ئۇ ئىنسان ۋۇجۇدىنى، ئىشەنچلىكتۇر پەرۋەردىگارنىڭ پەرزلىرى، دانا قىلار نادانلارنى.


زېمىنىڭلارنىڭ مۇنبەتلىكىدىن بارلىق ئەللەر: ‹ئۇلارنىڭ بېشىغا بەخت قونۇپتۇ› دېيىشىدۇ!» مانا بۇلار قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.


پادىشاھ ئۇلاردىن ھەرقانداق بىر مەسلىھەتنى سورىغاندا، ئۇلارنىڭ ئەقلى ۋە چۈشەنچىلىرىنىڭ ئۆز پادىشاھلىقىدىكى بارلىق سېھىرگەرلەر ۋە پالچىلاردىن ئون ھەسسە يۇقىرى ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدى.


زېرەكنىڭ دانالىقى ئۆز يولىنى چۈشەنگەنلىكىدە، ئەخمەقلەرنىڭ ئەقىلسىزلىقى ئالدامچىلىق قىلىشىدا.


«ئەي دانىشمەنلەرنىڭ ئۇستازى بېلتىشاززار، سەندە مۇقەددەس ئىلاھلارنىڭ روھى بارلىقىنى بىلىمەن، سەن يېشەلمەيدىغان ھېچقانداق سىر يوق. چۈشۈمگە تەبىر بەرگىن.


شۇڭا سىلەر بۇ ئەھدىدىكى سۆزلەرگە ئەمەل قىلساڭلار، بارلىق ئىشىڭلار راۋان بولىدۇ.


_ مېنىڭ بۈگۈن ئېيتقان بارلىق ئاگاھلاندۇرۇشلىرىمنى ئېسىڭلاردا ساقلاڭلار. بۇ قانۇندىكى سۆزلەرنىڭ ھەممىسىگە كۆڭۈل قويۇپ ئەمەل قىلىشنى پەرزەنتلىرىڭلارغا بۇيرۇڭلار.


بۇ سۆزلەر قۇرۇق گەپلەر ئەمەس، بەلكى ھاياتىڭلاردۇر. بۇلارغا ئىتائەت قىلساڭلار، ئىئوردان دەرياسىنىڭ قارشى قىرغىقىدىكى سىلەر || ئىگىلىگەن | ئىگىلەيدىغان || زېمىندا ئۇزۇن ياشالايسىلەر.


مەن ئىگەڭلار پەرۋەردىگار مۇنداق دەيمەن: «مانا بۇ يېرۇسالېمنىڭ تەقدىرىدۇر! مەن يېرۇسالېمنى باشقا ئەللەرنىڭ ئوتتۇرىسىغا قويغانىدىم، ئەتراپىدا باشقا ئەللەر بار ئىدى.


مەن ئۇلارغا شۇنچە كۆپ قانۇنلارنى بەلگىلىدىم، لېكىن ئۇلار بۇ قانۇنلارنى غەلىتە ھېس قىلىپ، رەت قىلدى.


توغرىدۇر پەرۋەردىگارنىڭ كۆرسەتمىلىرى، شادلاندۇرار قەلبلەرنى. ئوچۇقتۇر پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرلىرى، روشەن قىلار كۆزلەرنى.


چېچەن قىلار گول ئادەملەرنى، بىلىملىك ۋە پەم-پاراسەتلىك قىلار ياشلارنى.


ئاڭلاپ بۇلارنى دانالار تېخىمۇ دانا بولسۇن، زېرەكلەر ئاقىلانە مەسلىھەتكە ئېرىشسۇن.


كۆتۈرەر ھەققانىيەت خەلقنىڭ ئابرۇيىنى، نومۇسقا قالدۇرار گۇناھ ھەرقانداق ئەلنى.


پەرۋەردىگار ھەققانىي بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇ ئۆزىنىڭ شەرەپلىك تەلىملىرىنى ئۇلۇغلىغانىدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite