پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەن دەسلەپ ئىسرائىللارنى تاپقاندا، خۇددى چۆللۈكتە ئۈزۈم تاپقاندەك بولغانىدىم، ئەجدادلىرىڭلارنى بىرىنچى قېتىم كۆرگەندە، خۇددى ئەنجۈر دەرىخىدىكى تۇنجى پىشقان ئەنجۈرلەرنى كۆرگەندەك بولغانىدىم. لېكىن ئۇلار بائال-پىئورغا كەلگەندە، ئۆزلىرىنى ئادەمنى نومۇس قىلدۇرىدىغان بۇتقا بېغىشلاشقا باشلىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۆزلىرى ياخشى كۆرگەن ئاشۇ بۇتقا ئوخشاش يىرگىنچلىك بولۇپ قالدى.