11 سىلەر تاغنىڭ ئېتىكىگە كېلىپ تۇردۇڭلار. تاغ كۆيۈپ، ئوت يالقۇنى ئاسمانغا تاقاشقانىدى. قارا بۇلۇت ۋە قاراڭغۇلۇق تاغنى قاپلىغانىدى.
ئەينى چاغدا تاغدا ئوت كۆيۈۋاتاتتى، سىلەر پەقەت قاراڭغۇلۇق ئىچىدىن كېلىۋاتقان ئاۋازنى ئاڭلايتتىڭلار. ھەرقايسى قەبىلىلەرنىڭ باشلىقلىرى ۋە ئاقساقاللىرى ئالدىمغا كېلىپ،
پەرۋەردىگار مۇساغا: _ مەن قويۇق بۇلۇت ئىچىدە سېنىڭ يېنىڭغا كېلىمەن. سېنىڭ بىلەن قىلىشقان سۆھبىتىمىزنى خەلق ئاڭلىسۇن. شۇنىڭ بىلەن خەلق ساڭا مەڭگۈ ئىشىنىدۇ، _ دېدى. مۇسا ئىسرائىللارنىڭ جاۋابىنى پەرۋەردىگارغا يەتكۈزگەندىن كېيىن،
پەرۋەردىگار ئوت ئىچىدىن سىلەرگە سۆز قىلدى. سىلەر ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىدىڭلار، لېكىن ئۆزىنى كۆرەلمىدىڭلار. پەقەت پەرۋەردىگارنىڭ ئاۋازىلا ئاڭلاندى.
يېپىنچا قىلغانىدى ئۇ قاراڭغۇلۇقنى، قويۇق، قارا بۇلۇتلار قورشاپ تۇراتتى ئۇنى.
سىرلىق ۋە پىنھانلىق ئارا تۇرار پەرۋەردىگار، ھەققانىيەت، ئادالەتتە تەختى ئۇنىڭ مەزمۇت تۇرار.
كۆكنى يېرىپ يەر تامان چۈشكەندە خۇدا، تۇراتتى قارا بۇلۇتلار ئايىغىنىڭ ئاستىدا.
يەر تەۋرەش ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن، ئوت پەيدا بولدى، لېكىن پەرۋەردىگار ئوت بىلەنمۇ كەلمىدى. ئوت ئۆچكەندىن كېيىن، ناھايىتى سۇس بىر ئاۋاز ئاڭلاندى.