Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




قانۇننىڭ تەكرارى 4:1 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

1 _ ئەي ئىسرائىللار، مەن سىلەرگە ئۆگەتمەكچى بولغان قانۇن-نىزاملارغا قۇلاق سېلىڭلار، ئۇلارغا ئەمەل قىلىڭلار. شۇنداق قىلساڭلار ھايات قالىسىلەر، ئەجدادلىرىڭلار ئېتىقاد قىلغان پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا سىلەرگە ئاتا قىلغان زېمىنغا كىرىپ، ئۇ يەرگە ئىگە بولالايسىلەر.

Gade chapit la Kopi




قانۇننىڭ تەكرارى 4:1
40 Referans Kwoze  

تەۋرات قانۇنىغا ئەمەل قىلىش ئارقىلىق ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلىنىشقا نىسبەتەن مۇسا پەيغەمبەر مۇنداق يازغان: «قانۇنغا بويسۇنغانلار ئۇنىڭ ئەمرلىرىگە تولۇق ئەمەل قىلىش بىلەن ھاياتلىق تاپالايدۇ.»


_ مەن بۈگۈن سىلەرگە يەتكۈزگەن ئەمرلەرگە كۆڭۈل قويۇپ ئەمەل قىلساڭلار، ھايات قالىسىلەر، ئەۋلادلىرىڭلار كۆپىيىدۇ ھەمدە پەرۋەردىگار ئەجدادلىرىڭلارغا ئاتا قىلىشقا ۋەدە قىلغان زېمىننى ئىگىلىيەلەيسىلەر.


ئۇ يەردە مەن ئۇلارغا مېنىڭ قانۇن ۋە بەلگىلىمىلىرىمنى ئېلان قىلدىم. كىمكى بۇلارغا رىئايە قىلسا، ھايات قالىدۇ.


سىلەر مەن بۇيرۇغان قانۇن-نىزاملارغا ئەمەل قىلساڭلار، ھايات قالىسىلەر. مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن.


مەن بۈگۈن سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانى سۆيۈشۈڭلارنى، ئۇنىڭ يولىدا مېڭىشىڭلارنى، ئۇنىڭ ئەمرلىرىگە، ئۇنىڭ قانۇن-نىزاملىرىغا ئەمەل قىلىشىڭلارنى بۇيرۇيمەن. شۇنداق قىلساڭلار ھايات قالىسىلەر، سانىڭلار كۆپىيىدۇ. سىلەر || ئىگىلىگەن | ئىگىلەيدىغان || زېمىندا پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا سىلەرنى بەختكە ئېرىشتۈرىدۇ.


پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا ئەمر قىلغان يول بويىچە مېڭىڭلار. شۇنداق قىلساڭلار، ھايات قالىسىلەر، ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈپ، || ئىگىلىگەن | ئىگىلەيدىغان || زېمىنلاردا گۈللىنىسىلەر.


مۇسا پۈتۈن ئىسرائىل خەلقىنى چاقىرىپ، ئۇلارغا بۇ سۆزلەرنى قىلدى: _ ئەي ئىسرائىللار، بۈگۈن مەن سىلەرگە جاكارلىغان بۇ قانۇن-نىزاملارغا قۇلاق سېلىڭلار، ئۇلارنى ئۆگىنىڭلار، ئۇلارغا كۆڭۈل قويۇپ ئەمەل قىلىڭلار.


ئەمرلىرىمگە ئەمەل قىلىڭلار. مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن.


مېنىڭ بارلىق ئەمر-پەرمانلىرىمغا ئەمەل قىلىڭلار. مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن.»


ئۇلارغا مەن سىلەرگە بۇيرۇغان بارلىق ئەمرلەرگە ئەمەل قىلىشنى ئۆگىتىڭلار. مەن ھەقىقەتەنمۇ زامان ئاخىرىغىچە ھەر دائىم سىلەر بىلەن بىللە بولىمەن.


خىزمەتكارىم بولغان داۋۇتنىڭ ئەۋلادىدىن پادىشاھ چىقىپ، ئۇلارنىڭ پادىشاھى بولىدۇ. ئۇ ئىسرائىللارنىڭ بىردىنبىر قويچىسى بولىدۇ. ئۇلار مېنىڭ قانۇنلىرىمغا رىئايە قىلىدۇ، بەلگىلىمىلىرىمگە چىن قەلبىدىن بويسۇنىدۇ.


ئىچىڭلارغا روھىمنى سالىمەن. سىلەر مېنىڭ ئەمر-پەرمانلىرىمغا ئەمەل قىلىدىغان، قانۇن-قائىدىلىرىمگە چىن قەلبىڭلاردىن بويسۇنىدىغان بولىسىلەر.


لېكىن ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرىمۇ ماڭا ئاسىيلىق قىلدى. قانۇنلىرىمغا رىئايە قىلمىدى، بەلگىلىمىلىرىمگە بويسۇنمىدى. (ئۇلارغا ئەمەل قىلغۇچى ھايات قالىدۇ.) مەن بېكىتكەن دەم ئېلىش كۈنىنىمۇ بۇلغىدى. شۇڭا مەن چۆللۈكتە ئۇلارغا غەزىپىمنى ياغدۇرۇپ، ئاچچىقىمنى چىقارماقچى بولدۇم.


شۇنىڭدىن كېيىن، ئۇلار قانۇنلىرىمغا رىئايە قىلىدىغان، بەلگىلىمىلىرىمگە بويسۇنىدىغان بولىدۇ. ئۇلار مېنىڭ خەلقىم، مەن ئۇلارنىڭ خۇداسى بولىمەن.


پەرۋەردىگار چۈشۈردۈڭ ئەمرلىرىڭنى، ئەستايىدىل ئورۇنداڭلار دەپ ئۇلارنى.


شۇڭا ئىتائەت قىلىپ پەرۋەردىگارنىڭ قانۇنلىرىغا، بويسۇنۇڭلار ئۇنىڭ پەرمانلىرىغا. ھەمدۇسانا ئوقۇڭلار پەرۋەردىگارغا!


بۈگۈن مەن ئاسمان-زېمىننى گۇۋاھ قىلىپ تۇرۇپ، ھايات ياكى ماماتنى، بەخت ياكى قارغىشنى ئالدىڭلارغا قويدۇم. ھاياتلىقنى تاللاڭلار، شۇندىلا سىلەرمۇ ۋە ئەۋلادلىرىڭلارمۇ ھايات قالىدۇ.


ھايات قېلىش ۋە پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا سىلەرگە ئاتا قىلغان زېمىنغا ئىگىدارچىلىق قىلىش ئۈچۈن ئادالەتنى ئىزدەڭلار.


مەن بۈگۈن سىلەرگە جاكارلىغان بارلىق قانۇن-نىزاملارغا كۆڭۈل قويۇپ ئەمەل قىلىڭلار.


_ پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانى سۆيۈڭلار. ئۇنىڭ ئەمر-پەرمانلىرى، قانۇن-تۈزۈملىرىگە ھەر دائىم ئەمەل قىلىڭلار.


مۇسا بۇ قانۇن-نىزام ۋە قائىدىلەرنى ئىسرائىللار مىسىردىن ئايرىلغاندىن كېيىن ئۇلارغا ئۆگەتتى.


قايسى ئۇلۇغ خەلقنىڭ مەن بۈگۈن سىلەرگە ئۆگەتكەندەك شۇنداق ئادالەتلىك قانۇن-نىزاملىرى بار؟


مېنىڭ بەلگىلىمىلىرىمگە ئەمەل قىلىڭلار. مەن سىلەرنى پاكلىغۇچى پەرۋەردىگاردۇرمەن.


سىلەرگە بۇيرۇغان ئەمرلىرىمنى ئادا قىلساڭلار، مېنىڭ دوستلىرىم بولىسىلەر.


ئۇلار ئىككىلىسى خۇدانىڭ نەزىرىدە دۇرۇس كىشىلەردىن بولۇپ، خۇدانىڭ پۈتۈن ئەمر-پەرمانلىرىغا قاتتىق ئەمەل قىلاتتى.


خۇدانىڭ قانۇن ۋە بەلگىلىمىلىرىنى خەلققە ئۆگىتىپ، ئۇلارغا قانداق ياشىسا بولىدىغانلىقىنى ۋە ئۇلارنىڭ قانداق مەجبۇرىيەتلىرىنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرگىن.


ئىسرائىللار مىسىردىن چىققاندىن كېيىنكى 40-يىلى 11-ئاينىڭ 1-كۈنى مۇسا پەرۋەردىگارنىڭ ئىسرائىللارغا چۈشۈرگەن بارلىق ئەمرلىرىنى ئۇلارغا يەتكۈزدى.


مەن بۈگۈن پەرۋەردىگارنىڭ قانۇن-نىزاملىرىنى سىلەرگە يەتكۈزىمەن، ئۇلارغا ئەمەل قىلىڭلار. شۇنداق قىلساڭلار، سىلەر ۋە ئەۋلادلىرىڭلارنىڭ بارلىق ئىشلىرى ئوڭۇشلۇق بولىدۇ. سىلەر پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا سىلەرگە مەڭگۈ ئىگىدارچىلىق قىلىشقا ئاتا قىلغان بۇ زېمىندا ئۇزۇن ياشىيالايسىلەر.


پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانى سۆيۈڭلار، ئۇنىڭ سۆزلىرىگە ئىتائەت قىلىڭلار، ئۇنىڭغا سادىق بولۇڭلار، چۈنكى پەرۋەردىگار سىلەرنىڭ ھاياتىڭلاردۇر. پەرۋەردىگار ئەجدادلىرىڭلار بولغان ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە ياقۇپلارغا ئاتا قىلىشقا ۋەدە قىلغان زېمىندا ئۆمرۈڭلارنى ئۇزۇن قىلىدۇ.


بەلگىلىمىلىرىمگە ئەمەل قىلىڭلار. ئوخشىمىغان تۈردىكى ھايۋانلارنى ئۆزئارا جۈپلەشتۈرمەڭلار. بىر ئېتىزغا ئوخشىمىغان ئىككى خىل ئۇرۇق ئارىلاشتۇرۇپ چاچماڭلار، ئىككى خىل يىپتىن توقۇلغان كىيىمنى كىيمەڭلار.


ئۇ زېمىنلارنى سىلەرگە ئاتا قىلدىم، بېرىپ ئىگىلەڭلار. ئۇ يەرلەرنى مەن پەرۋەردىگار ئەجدادلىرىڭلار ئىبراھىم، ئىسھاق، ياقۇپ ۋە ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرىغا ئاتا قىلىمەن دەپ، ۋەدە قىلغانىدىم.»


_ پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا ماڭا تۆۋەندىكى ئەمر ۋە قانۇن-نىزاملارنى سىلەرگە ئۆگىتىشىمنى ئەمر قىلدى. ئۇنىڭغا سىلەر || ئىگىلىگەن | ئىگىلەيدىغان || زېمىنلاردا ئەمەل قىلىڭلار.


بىزنىڭ پەرۋەردىگارىمىز خۇدا بىزگە بارلىق قانۇنلىرىغا ئەمەل قىلىشىمىزنى، ئۆزىدىن ئەيمىنىشىمىزنى ئەمر قىلغاندۇر. شۇنداق قىلساق، خۇددى بۈگۈنكىدەك ھايات قېلىپ، ھەمىشە بەخت ئىچىدە ياشايمىز.


شۇڭا سىلەر مەن بۈگۈن سىلەرگە يەتكۈزگەن پەرز، قانۇن-نىزاملارغا كۆڭۈل قويۇپ، ئەمەل قىلىڭلار.


ئېھتىياتچان بولۇڭلار، پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانى ئۇنتۇپ قالماڭلار. مەن بۈگۈن سىلەرگە يەتكۈزگەن ئەمرلەر، قانۇن ۋە نىزاملارغا ئەمەل قىلماي قالماڭلار.


_ ئەي ئىسرائىللار، قۇلاق سېلىڭلار! يېقىندا سىلەر ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتۈپ، سىلەردىن چوڭ ۋە كۈچلۈك بولغان ئەللەرنى زېمىنىدىن قوغلاپ چىقىرىپ، ئۇلارنىڭ زېمىنىغا ئىگىدارچىلىق قىلىسىلەر. ئۇلار سېپىللىرى بۇلۇتقا تاقاشقان چوڭ شەھەرلەردە ياشايدۇ.


_ ئۆزىنى پەيغەمبەر دەۋالغان بىرى ياكى چۈشكە تەبىر بەرگۈچى ئاراڭلاردا پەيدا بولۇپ، سىلەرگە كارامەت ۋە مۆجىزە كۆرسىتىمەن دېسە


كېيىن يوشۇۋا ئىسرائىل خەلقىگە مۇنداق دېدى: _ كېلىڭلار، پەرۋەردىگار خۇدانىڭ سىلەرگە دېگەن سۆزلىرىنى ئاڭلاڭلار.


پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى: _ يەھۇدىيە شەھەرلىرى ۋە يېرۇسالېمنىڭ كوچىلىرىدا تۆۋەندىكى سۆزلەرنى جاكارلىغىن: «بۇ ئەھدىگە پۈتۈلگەن سۆزلەرگە قۇلاق سېلىڭلار، ئۇلارغا ئەمەل قىلىڭلار!


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite