10 شۇنىڭدىن كېيىن، ئىسرائىللار ئىچىدىن پەرۋەردىگار يۈزمۇيۈز سۆزلەشكەن مۇسادەك بىرمۇ پەيغەمبەر چىقىپ باقمىدى.
پەرۋەردىگار مۇسا بىلەن خۇددى دوستى بىلەن سۆزلەشكەندەك يۈزمۇيۈز سۆزلىشەتتى. مۇسا قارارگاھقا قايتىپ كەلگىنىدە، نۇننىڭ ئوغلى، يەنى ئۇنىڭ ياش ياردەمچىسى يوشۇۋا يەنىلا ئۇچرىشىش چېدىرىدا بولاتتى.
شۇ مۇسا پەيغەمبەر ئۆزى ئۇلارغا: «خۇدا قېرىنداشلىرىمىز ئارىسىدىن ماڭا ئوخشاش بىر پەيغەمبەرنى تىكلەيدۇ» دېگەنىدى.
(پەرۋەردىگار مىسىرلىقلارنى ئىسرائىللارنى ياخشى كۆرىدىغان، ئەمەلدارلار ۋە خەلقنى مۇسانى ئۇلۇغ ئادەم، دەپ ھۆرمەتلەيدىغان قىلىپ قويغانىدى.)
ھېچكىم مۇساغا ئوخشاش پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بىلەن مىسىرغا بېرىپ، پۈتۈن زېمىندا، پىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ ئەمەلدارلىرى ئالدىدا مۆجىزە-كارامەتلەرنى كۆرسىتىپ باقمىدى.
پەرۋەردىگار مۇسانىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلدى. ئۆي، ھويلا ۋە ئېتىزلاردىكى پاقىلارنىڭ ھەممىسى ئۆلۈپ تۈگىدى.