8 ئۇلۇغ خۇدا ئەللەرگە بەرگەندە زېمىنلارنى، ئايرىغاندا ئىنسانلارنى، ئىسرائىللارنىڭ سانى بويىچە بەلگىلىدى ئەللەرنىڭ چېگرالىرىنى.
ئۇ بىر ئادەمدىن پۈتكۈل مىللەتلەرنى ياراتتى، ئۇلارنى پۈتۈن يەر يۈزىگە ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ گۈللىنىشى ۋە زاۋاللىققا يۈزلىنىشى ھەمدە تۇرىدىغان جايلىرىنى ئالدىن بەلگىلەپ بەردى.
بۇ ھۆكۈمنى مۇقەددەس كۆزەتكۈچى پەرىشتىلەر جاكارلىدى. ئىنسانلار بۇ ھۆكۈم ئارقىلىق ھەممىگە قادىر خۇدانىڭ ئىنسانلارنىڭ پادىشاھلىقىغا ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغانلىقىنى ۋە ئۇنى خالىغان كىشىگە بېرىدىغانلىقىنى، ھەتتا ئۇ خالىسا ئەڭ تۆۋەن تەبىقىدىكى كىشىگىمۇ بېرىدىغانلىقىنى بىلەلەيدۇ›.
ئاسمانلار تەئەللۇقتۇر پەرۋەردىگارغا، زېمىننى ئۇ بەرگەن ئىنسانلارغا.
ھەممىگە مەڭگۈ قادىردۇرسەن، ئى پەرۋەردىگار.
كىمكى ماكان تۇتسا ئۇلۇغ خۇدانىڭ پاناھىدا، ياشار ئۇ ھەممىگە قادىر خۇدا سايىسىدا.
ئېبەردىن ئىككى ئوغۇل تۆرەلدى. بىرىنىڭ ئىسمى پەلەگ [مەنىسى «بۆلۈنۈش»] ئىدى. ئۇ ياشىغان دەۋردە ئىنسانلار بۆلۈنۈشكە باشلىغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭغا پەلەگ دېگەن بۇ ئىسىم قۇيۇلغان ئىدى. ئۇنىڭ ئىنىسىنىڭ ئىسمى يوقتان ئىدى.
كەنئاننىڭ تۇنجى ئوغلى سىدون بولۇپ، ئۇ سىدونلارنىڭ ئەجدادىدۇر. كەنئان يەنە خىتلارنىڭ ئەجدادىدۇر.
ھالبۇكى، ئۇلۇغ خۇدا ئادەم سالغان ئىبادەتخانىلاردا تۇرمايدۇ! يەشايا پەيغەمبەر ئارقىلىق خۇدا مۇنداق دېگەنىدى:
پادىشاھ ئالىيلىرى، ئۇلۇغ خۇدا بوۋىلىرى نىبۇكادنەزەرنى پادىشاھ قىلىپ، ئۇنىڭغا شان-شەرەپ ۋە ئۇلۇغلۇقنى بەرگەنىدى.
مەن بۇلۇتلارنىڭ ئۈستىگە يامىشىپ چىقىمەن، مەن ئۇلۇغ خۇداغا ئايلىنىمەن!»
دېگەنىدىم سىلەرگە: سىلەر ‹ئىلاھلار›، ھەممىڭلار ئۇلۇغ خۇدانىڭ ‹پەرزەنتىسىلەر›!
قۇربانلىق سۈپىتىدە شۈكۈرلەرنى ئېيت ماڭا، ۋاپا قىل بەرگەن ۋەدەڭگە مەن ئۇلۇغ خۇداغا.
تەشەككۈر ئېيتىمەن ھەققانىي پەرۋەردىگارغا، مەدھىيە ئوقۇيمەن ئۇلۇغ خۇدانىڭ نامىغا.
ئۇ خۇدانىڭ سۆزىنى ئاڭلىيالايدۇ، ئۇلۇغ خۇدانىڭ مەقسەتلىرىنى چۈشىنىدۇ، ھوشىدىن كەتسىمۇ، ھەممىگە قادىر خۇدانىڭ غايىبانە ئالامىتىنى كۆرىدۇ.
مەن ئېگىز قىيا تاشلاردىن ئۇلارغا نەزەر سالدىم، ئېگىز تۆپىلىكلەردىن ئۇلارغا باقتىم. ئۇلار ئايرىم ياشايدىغان خەلقتۇر، ئۇلار ‹باشقىلارغا ئەسلا ئوخشىمايمىز› دەپ ئويلايدۇ.
ئىسرائىللار بىخەتەر بولىدۇ، ياقۇپ ئەۋلادلىرى خاتىرجەملىكتە ياشايدۇ. زېمىنى ئاشلىق ۋە شارابقا مول بولىدۇ، ئاسماندىن چۈشكەن شەبنەم ئۇنى سۇغىرىدۇ.
ئايرىدىڭ بارلىق چېگرا-پاسىللارنى، پەيدا قىلدىڭ ئۆزۈڭ ياز بىلەن قىشنى.
پەرۋەردىگارنىڭ جامائىتى ئىچىدە قايتىدىن يەر تەقسىم قىلىش ئۈچۈن چەك تاشلانغاندا، سىلەر ئۈچۈن چەك ئالىدىغانلار بولمايدۇ.
ئۇلار دېڭىز بويلىرى ۋە ئاراللاردا ياشايدىغان ئەللەرنىڭ ئەجدادى بولدى. ئۇلار ئوخشىمىغان يۇرتلاردا ياشايدىغان ھەر خىل قەبىلىلەرگە بۆلۈنۈپ، ئوخشىمايدىغان تىللاردا سۆزلىشىدىغان ئەللەردىن بولۇپ قالدى.
«كەنئان زېمىنى سېنىڭ ئۈلۈشۈڭدۇر، ئۇ ساڭا تەئەللۇق مۈلۈكدۇر.»
بۇ زېمىن ئۇلارغا ئىنئام قىلىپ بېرىلگەنىدى، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا يامان تەسىر بېرىدىغان ئىمانسىز ياتلار يوق ئىدى.