3 مەن پەرۋەردىگارنىڭ نامىنى جاكارلايمەن، سىلەر خۇدايىمىزنىڭ بۈيۈكلۈكىنى مەدھىيەلەڭلار.
مەن مۇنداق دېدىم: «ئى پەرۋەردىگار، ساڭا ئوخشايدىغان ھېچبىر ئىلاھ يوقتۇر، سەن ئۇلۇغسەن، سېنىڭ نامىڭ ئۇلۇغ ۋە قۇدرەتلىكتۇر.
مەدھىيەلەڭلار ئۇنىڭ ياراتقان مۆجىزىلىرىنى، مەدھىيەلەڭلار ئۇنىڭ ھەممىدىن ئۇلۇغلۇقىنى.
شۇنداقلا، ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلغۇچى بىزلەر ئۈچۈن خۇدانىڭ كۈچ-قۇدرىتىنىڭ نەقەدەر قۇدرەتلىكلىكىنىمۇ چۈشەنگەيسىلەر. بۇ، دەل خۇدا ئەيسا مەسىھنى ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرۈپ، ئەرشتە ئۆزىنىڭ ئوڭ تەرىپىگە ئولتۇرغۇزغاندا نامايان قىلغان بۈيۈك كۈچ-قۇدرەتتۇر.
مۇنداق دېگەنىدىڭلار: «قاراڭلار، پەرۋەردىگارىمىز خۇدا بىزگە ئۆزىنىڭ شان-شەرىپى ۋە ئۇلۇغلۇقىنى كۆرسەتتى. بىز ئۇنىڭ ئوت ئىچىدىن كەلگەن ئاۋازىنى ئاڭلىدۇق. بىز بۈگۈن ئىنسان زاتىنىڭ خۇدانىڭ سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كېيىنمۇ يەنە تىرىك قالغانلىقىنى كۆردۇق.
مەن سېنى ئۇلارغا ئايان قىلدىم، يەنە داۋاملىق ئايان قىلىمەن. بۇنىڭ بىلەن، ماڭا بولغان مېھىر-مۇھەببىتىڭ ئۇلاردا بولسۇن، ھەم مەنمۇ ئۇلاردا بولاي.
سەن بۇ دۇنيادىن ماڭا تاللاپ بەرگەنلەرگە سېنى ئايان قىلدىم. ئۇلار سېنىڭكى ئىدى. ئۇلارنى ماڭا بەردىڭ، ئۇلار سېنىڭ سۆزۈڭگە ئەمەل قىلدى.
«پاك قىز ھامىلىدار بولۇپ بىر ئوغۇل تۇغىدۇ، ئۇنىڭ ئىسمى ئىممانۇئېل [مەنىسى «خۇدا بىز بىلەن بىللە»] قويۇلىدۇ» دېگەن سۆزىنىڭ ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇشىدۇر.
ئۇنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا يەھۇدىيە تىنچ-ئامانلىققا ئېرىشىدۇ، ئىسرائىلىيە خاتىرجەملىكتە ياشايدۇ. ئۇنىڭ نامى ‹پەرۋەردىگار بىزنىڭ ھەققانىيىتىمىزدۇر› دەپ ئاتىلىدۇ.
ئى پەرۋەردىگار، ئۇلۇغلۇق، قۇدرەت، شان-شۆھرەت ۋە بۈيۈكلۈك ساڭا مەنسۇپتۇر. ئاسمان ۋە زېمىندىكى بارچە نەرسە ساڭا تەۋەدۇر! ئى پەرۋەردىگار، بۇ سېنىڭ پادىشاھلىقىڭدۇر، سەن ھەممىدىن يۈكسەك ھۆكۈمراندۇرسەن!
«ئى ئىگەم پەرۋەردىگار، سەن مەن خىزمەتكارىڭغا ئۇلۇغلۇقۇڭ ۋە قۇدرىتىڭنى نامايان قىلىشقا باشلىدىڭ. مەيلى ئاسماندا، مەيلى يەردە بولسۇن، سەن قىلغان ئۇلۇغ ئىشلارنى قىلالايدىغان باشقا ھېچقانداق خۇدا يوقتۇر!
پەرۋەردىگار مۇنداق دېدى: _ مەن ساڭا پۈتۈن ياخشىلىقىمنى زاھىر قىلىپ، ئالدىڭدىن ئۆتىمەن، ھەم سېنىڭ ئالدىڭدا مېنىڭ «ياھۋەھ» دېگەن مۇقەددەس نامىمنى جاكارلايمەن. كىمگە مېھرىبانلىق قىلغۇم كەلسە، شۇنىڭغا مېھرىبانلىق قىلىمەن، كىمگە ئىچ ئاغرىتقۇم كەلسە، شۇنىڭغا ئىچ ئاغرىتىمەن.
مەن بۇرۇن ئەجدادلىرىڭ ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە ياقۇپلارغا ھەممىگە قادىر خۇدا بولۇپ زاھىر بولدۇم. لېكىن مەن ئۆزۈمنى ئۇلارغا «ياھۋەھ» دېگەن نامىم بىلەن ئاشكارىلىمىدىم.
سەن بۇ ئۇلۇغۋار ئىشلارنى مەن قۇلۇڭ ئۈچۈن ئۆز ئىرادەڭ بويىچە قىلدىڭ ۋە ۋەدىلىرىڭنى ئاشكارىلىدىڭ.
توپىدىن مەن ئۈچۈن بىر قۇربانلىق سۇپىسى ياساپ، ئۈستىدە كۆيدۈرمە قۇربانلىق ۋە ئامانلىق قۇربانلىقى ئۈچۈن كالا، قوي ۋە ئۆچكىلەرنى كۆيدۈرۈڭلار. مەن سىلەرنىڭ ماڭا ئىبادەت قىلىشىڭلار ئۈچۈن بەلگىلەپ بەرگەن جايلارغا كېلىپ، سىلەرگە بەخت ئاتا قىلىمەن.
ئۇلار خۇدانىڭ خىزمەتكارى مۇسانىڭ ناخشىسىنى ھەم قوزا ھەققىدىكى ناخشىنى ئېيتىشاتتى: «ھەممىگە قادىر پەرۋەردىگار خۇدا، قىلغانلىرىڭ ئۇلۇغ ۋە كارامەتتۇر. ئى پۈتكۈل خەلقلەرنىڭ پادىشاھى، يوللىرىڭ ئادىل ۋە ھەقتۇر.
داۋۇت پۈتۈن جامائەت ئالدىدا پەرۋەردىگارنى مەدھىيەلەپ ھەمدۇسانا ئوقۇدى: «ئى پەرۋەردىگار، يەنى ئەجدادىمىز ئىسرائىل ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا، ساڭا ئەبەدىلئەبەد مەدھىيەلەر بولسۇن!
ئى خۇدايىمىز، بىز ساڭا تەشەككۈر ئېيتىمىز، سېنىڭ شەرەپلىك نامىڭنى ئۇلۇغلايمىز!