12 پەرۋەردىگار ئۆزى يالغۇز خەلقىنى باشلاپ ماڭغاندا، يات ئەللەرنىڭ ئىلاھلىرى يوق ئىدى يېنىدا.
تاكى سىلەر قېرىپ، چېچىڭلارغا ئاق كىرىپ كەتسىمۇ، مەن بۇ ئىشىمنى توختاتقىنىم يوق، مەن يەنىلا شۇ خۇدادۇرمەن، ئۆزگەرگىنىم يوق. مەن سىلەرنى ياراتقانىكەنمەن، ئەلۋەتتە سىلەرنى يۈدۈپ يۈرىمەن، ئەلۋەتتە سىلەرنى كۆتۈرىمەن، سىلەرنى قۇتقۇزىمەن.
پەرۋەردىگارغا شۈكۈر ئېيتىڭلار، ئۇ ئۆز قوۋمىنى چۆل-باياۋاندىن يېتەكلەپ ئۆتكۈچىدۇر، ئۇنىڭ مۇھەببىتى ئۆچمەس ۋە ئەبەدىيدۇر.
كۈندۈزى يېتەكلىسە ئۇلارنى بۇلۇت بىلەن، كېچىسى يول باشلىغانىدى ئوتنىڭ نۇرى بىلەن.
چۆلدىكى پۈتۈن سەپەر جەريانىدا پەرۋەردىگارنىڭ سىلەرگە خۇددى ئاتىنىڭ ئۆز بالىسىغا مېھرىبانلىق قىلغىنىدەك، مېھرىبانلىق قىلىپ، بۇ يەرگىچە باشلاپ كەلگەنلىكىگە شاھىت بولدۇڭلار» دېدىم.
ئى پەرۋەردىگار، ھەق يولۇڭنى ئۆگەت ماڭا، باشلا مېنى ھەققانىيەت يولۇڭغا، چۈنكى باردۇر دۈشمەنلىرىم ئەتراپىمدا.
كۈندۈزى ئۇلارغا بۇلۇت تۈۋرۈكى ئارقىلىق يول باشلىدىڭ، كېچىسى يولىنى ئوت تۈۋرۈكى ئارقىلىق يورۇتتۇڭ.
بىلىشىڭلار كېرەككى، مەن بىردىنبىر خۇدادۇرمەن. مەندىن باشقا خۇدا يوقتۇر. ھايات-مامات مېنىڭ ئىلكىمدىدۇر. زەخىملىنىشمۇ، ساقىيىشمۇ مەندىندۇر. ھېچكىم مېنىڭ قولۇمدىن قۇتۇلالمايدۇ.
ئى ئىسرائىللارغا قويچى بولۇپ يول باشلىغۇچى، يۈسۈپ نەسلىنى قوي پادىسىدەك يېتەكلىگۈچى، كېرۇبلار ئوتتۇرىسىدا تەختتە ئولتۇرغۇچى، ئۆتۈنەي، بىزگە قۇلاق سالغىن، شان-شەرەپلىك نۇرۇڭنى چاچقىن.
پەرۋەردىگارنىڭ بۇنداق قىلىشى ئۆزىنىڭ خۇدا ئىكەنلىكىنى، ئۆزىدىن باشقا بىر خۇدانىڭ يوق ئىكەنلىكىنى سىلەرگە بىلدۈرۈشتىن ئىبارەت ئىدى.
شۇڭا سىلەر شۇنى بىلىشىڭلار ۋە ئېسىڭلاردا تۇتۇشۇڭلار كېرەككى، پەرۋەردىگار ئەرشنىڭ ۋە زېمىننىڭ خۇداسىدۇر، ئۇنىڭدىن باشقا خۇدا يوقتۇر.
زېمىنىڭلاردا يات ئىلاھلارغا ئورۇن بەرمەڭلار، ھەم ئۇلارغا باش قويۇپ، سەجدە قىلماڭلار.
كالىلار تىنچ جىلغىدا ئوتلىغاندەك، پەرۋەردىگارنىڭ روھى ئۆز خەلقىگە ئاراملىق بەرگەنىدى، پەرۋەردىگار خەلقىنى باشلاپ، ئۆزىنىڭ نامىغا شان-شەرەپ كەلتۈرگەنىدى.»
پەرۋەردىگارىمىز خۇدا ئاتا-بوۋىلىرىمىزنى ۋە بىزنى مىسىردىن ئېلىپ چىقىپ، قۇللۇقتىن قۇتۇلدۇردى. ئۇنىڭ كۆرسەتكەن مۆجىزىلىرىنى ئۆز كۆزىمىز بىلەن كۆردۇق. بىز بېسىپ ئۆتكەن بارلىق زېمىنلاردىكى يات خەلقلەردىن بىزنى ئامان-ئېسەن ساقلاپ كەلدى.
بۇ زېمىن ئۇلارغا ئىنئام قىلىپ بېرىلگەنىدى، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا يامان تەسىر بېرىدىغان ئىمانسىز ياتلار يوق ئىدى.
مەن ئۇلارنى مېھرىبانلىق ئارغامچىسى ۋە مۇھەببەت يىپى بىلەن يېتەكلىدىم. ئۇلارنىڭ بوينىدىكى بويۇنتۇرۇقنى بوشىتىپ، ئۇلارغا غىزا بېرىش ئۈچۈن ئېگىلدىم.