11 خۇددى بۈركۈت بالىلىرىنى ئۇۋىسىدىن چىقىرىپ، ئايلىنىپ ئۇچۇپ يۈرگەندەك بالىلىرىنىڭ ئۈستىدە پەرۋاز قىلدى كېرىپ قاناتلىرىنى، كۆتۈرۈپ يۈرگەندەك بالىلىرىنى.
«سىلەر مەن پەرۋەردىگارنىڭ مىسىرلىقلارنى قانداق بىر تەرەپ قىلغانلىقىمنى كۆردۈڭلار. مەن خۇددى ئانا بۈركۈت بالىلىرىنى دۈمبىسىگە مىندۈرۈپ ئېلىپ يۈرگەندەك، مەنمۇ سىلەرنى بۇ يەرگە ئېلىپ كەلدىم.
تاكى سىلەر قېرىپ، چېچىڭلارغا ئاق كىرىپ كەتسىمۇ، مەن بۇ ئىشىمنى توختاتقىنىم يوق، مەن يەنىلا شۇ خۇدادۇرمەن، ئۆزگەرگىنىم يوق. مەن سىلەرنى ياراتقانىكەنمەن، ئەلۋەتتە سىلەرنى يۈدۈپ يۈرىمەن، ئەلۋەتتە سىلەرنى كۆتۈرىمەن، سىلەرنى قۇتقۇزىمەن.
ئۇلار ئازاب چەككەندە، ئۇمۇ ئۇلار بىلەن تەڭ ئازاب چەكتى، ئۆز پەرىشتىسىنى ئۇلارنى قوغداشقا ئەۋەتتى. ئۇ مۇھەببىتى ۋە ئىچ ئاغرىتىشى بىلەن ئۇلارنى قوغدىدى. بۇرۇنقى ۋاقىتلاردا پەرۋەردىگار ئۇلارنى كۆتۈرۈپ ماڭغانىدى.
ئەمما پەرۋەردىگارغا تەلپۈنۈپ، ئۈمىد كۈتكەن كىشىلەرنىڭلا ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇپ تۇرىدۇ، ئۇلار بۈركۈتكە ئوخشاش قانات قاقىدۇ. توختىماي يۈگۈرسىمۇ ھارغىنلىق ھېس قىلمايدۇ، قانچىلىك يول ماڭسىمۇ چارچىمايدۇ.
ئۇ ئاسماندىكى يۇلتۇزلارنىڭ ئۈچتىن بىرىنى قۇيرۇقى بىلەن سۈرۈپ، يەر يۈزىگە چۈشۈرۈۋەتتى. ئاندىن، ئايال يەڭگىگەن ھامان ئۇنىڭ بالىسىنى يالماپ يۇتۇۋەتمەكچى بولۇپ، تۇغۇت ئۈستىدىكى ئايالنىڭ ئالدىدا تۇردى.
بىز ئېتىقاد ئارقىلىق كائىناتنىڭ خۇدانىڭ ئەمرى بىلەن يارىتىلغانلىقىنى، بىز كۆرەلەيدىغان مەۋجۇداتلارنىڭ كۆرگىلى بولىدىغاندىن بەرپا بولمىغانلىقىنى چۈشىنەلەيمىز.
خۇددى بىر قۇش ئۆز ئۇۋىسى ئەتراپىدا پەرۋانە بولۇپ، ئۇۋىسىنى قوغدىغانغا ئوخشاش، مەن قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار يېرۇسالېمنى قوغدايمەن، شەھەرنى قوغداپ، قۇتقۇزىمەن، يېرۇسالېمنى پاناھىمغا ئېلىپ، قۇتۇلدۇرىمەن.»
ئايالنىڭ ئەجدىھادىن دالدىلىنىپ، چۆلدىكى ئۈچ يېرىم يىل بېقىلىدىغان ماكانغا ئۇچۇپ كېتىشى ئۈچۈن، ئۇنىڭغا يوغان بىر بۈركۈتنىڭ ئىككى قانىتى بېرىلدى.
ئۇ چاغدا يەر شارى شەكىلسىز ۋە قۇپقۇرۇق ھالەتتە بولۇپ، سۇلارنى قاراڭغۇلۇق قاپلىغانىدى. خۇدانىڭ روھى سۇ ئۈستىدە لەرزان پەرۋاز قىلىپ يۈرەتتى.
مۇسا بىنيامىن قەبىلىسى توغرىسىدا مۇنداق دۇئا قىلدى: «پەرۋەردىگارنىڭ ياخشى كۆرگەن قەبىلىسى پەرۋەردىگارنىڭ قۇچىقىدا بىخەتەردۇر، پەرۋەردىگار كۈنبويى قوغدايدۇ ئۇلارنى.»
ئۇ مىنىپ ئۇچتى بىر «كېرۇب»قا، پەرۋاز قىلدى شامالنىڭ قاناتلىرىدا.
خۇددى پوتىنىڭ ئادەم بەدىنىگە چىڭ يېپىشىپ تۇرغىنىدەك، مەن پۈتكۈل ئىسرائىلىيە خەلقى ۋە يەھۇدىيە خەلقىنى ئۆزۈمگە يېقىن قىلىپ تاللىدىم. ئۇلارنى ئۆزۈمنىڭ ئەزىز خەلقى قىلىپ، ماڭا شان-شەرەپ، مەدھىيە ۋە ھۆرمەت ئەكېلىشنى كۈتكەنىدىم. ئەمما ئۇلار ماڭا ئىتائەت قىلىشنى خالىمىدى.
ئىسرائىلىيەگە مېڭىشنى ئۆگەتكىنى مەن ئىدىم. مەن ئۇلارنىڭ قولىنى تۇتۇپ يېتەكلىدىم. ئۇلار شىپالىق بەرگەنلىكىمنى بىلمىدى.