9 (خەرمون تېغىنى سىدونلۇقلار سىريون، ئامور خەلقى سىنىر، دەپ ئاتايدۇ.)
جاراڭلىسا پەرۋەردىگارنىڭ ئاۋازى موزايدەك سەكرەپ كېتەر لىۋان تاغلىرى، كۆندۈرۈلمىگەن بۇقىدەك تاقلاپ كېتەر سىريون تېغى.
ماناسسە قەبىلىسىنىڭ شەرقىي يېرىمى بائال-خەرمون، سىنىر ۋە خەرمون تاغلىرىغىچە بولغان باشان زېمىنلىرىدا ياشايتتى. ئۇلارنىڭ نوپۇسى ناھايىتى كۆپ ئىدى.
سەن خېرمون تېغىنىڭ قارىغاي ياغىچىدىن ياسالغان كېمىگە ئوخشايسەن. ماچتاڭ لىۋاننىڭ كېدىر ياغىچىدىن،
ئى مەھبۇبەم، بىللە كېتەيلى لىۋاندىن، مەن بىلەن بىللە كەتكىن بۇ يەردىن، ئاماناھ، سىنىر، خەرمون چوققىلىرىدىن، شىر ۋە يىلپىزلارنىڭ ئوۋىلىرىدىن.
مول شەبنەمگە ئوخشار ئىناقلىق، خەرمون تېغىدىكى شەبنەملەر چۈشكەن كەبى سىئونغا، بەرھەق، بەختنى _ مەڭگۈلۈك ھاياتنى، ئاتا قىلغانىدى پەرۋەردىگار سىئون تېغىدا.
ياراتقانسەن شىمال، جەنۇب ۋە ئۇلاردىكى ھەممىنى، شادلىقتا نامىڭنى كۈيلەر تابور، خەرمون چوققىلىرى.
ئىسرائىللارنىڭ زېمىنى جەنۇبتا سەئىرنىڭ يېنىدىكى خالاق تېغىدىن باشلىنىپ، شىمالدا لىۋان جىلغىسىنىڭ خەرمون تېغى باغرىدىكى بائالگاد شەھىرىگىچە كېڭەيدى. يوشۇۋا بۇ زېمىنلاردىكى بارلىق پادىشاھلارنى يوقاتتى.
ئى ئىلاھىم، غەم باستى كۆڭلۈمنى، شۇڭا ئەسلەيمەن سېنى، ئىئوردان زېمىنىدا، خەرمون ۋە مىزار تاغلىرىدا.