Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




قانۇننىڭ تەكرارى 3:6 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

6 بىز خەشبوندا ھۆكۈمرانلىق قىلغان ئامورلارنىڭ پادىشاھى سىخوننىڭ شەھەرلىرىدە قانداق قىلغان بولساق، ئوگنىڭ بارلىق شەھەرلىرىدىمۇ شۇنداق قىلىپ، ئەر-ئايال ۋە بالىلارنى قىرغىن قىلدۇق.

Gade chapit la Kopi




قانۇننىڭ تەكرارى 3:6
12 Referans Kwoze  

ئۇ ۋاقىتتا بىز سىخوننىڭ پۈتۈن شەھەرلىرىنى ئىگىلەپ، شەھەرلەردىكى ئەر-ئايال ۋە بالىلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆلتۈردۇق، بىرىمۇ تىرىك قالمىدى.


پەرۋەردىگار داۋام قىلىپ، ماڭا مۇنداق دېدى: «ئەمدى ئاتلىنىپ، ئارنون جىلغىسىدىن ئۆتۈڭلار! مەن ئامور خەلقىنىڭ خەشبوندا ياشايدىغان پادىشاھى سىخوننى ۋە ئۇنىڭ زېمىنىنى ساڭا تاپشۇرۇپ بېرىمەن. ئۇنىڭغا ھۇجۇم قىلىڭلار، زېمىنىنى ئىگىلەڭلار.


ئىسرائىللار بۇ شەھەرلەردىكى ئۇرۇش ئولجىلىرى ۋە مال-چارۋىلارنى ئۆزلىرىگە قالدۇرۇپ، بارلىق ئادەملەرنى قىلىچ بىلەن قىرىپ تاشلىدى، ھېچكىمنى تىرىك قالدۇرمىدى.


پەرۋەردىگار ماڭا: «ئۇنىڭدىن قورقمىغىن، چۈنكى مەن ئۇنى ۋە ئۇنىڭ بارلىق لەشكەرلىرىنى، ھەمدە ئۇنىڭ زېمىنلىرىنى سېنىڭ قولۇڭغا تاپشۇردۇم. خەشبوندا ھۆكۈمرانلىق قىلغان ئامورلارنىڭ پادىشاھى سىخونغا قانداق قىلغان بولساڭ، ئۇنىڭغىمۇ شۇنداق قىلغىن.» دېدى.


شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىللار پەرۋەردىگارغا: «ئەگەر سەن بۇ خەلقنى بىزنىڭ قولىمىزغا چۈشۈرۈپ بەرسەڭ، ئۇلارنى قىرغىن قىلىپ، شەھەرلىرىنى پۈتۈنلەي ۋەيران قىلىۋېتىمىز» دەپ قەسەم قىلدى.


بۇندىن ئىلگىرى مۇسا خەلقنى باشلاپ، خەشبوندىكى ئامورلارنىڭ پادىشاھى سىخوننى، ئاندىن ئاشتاروت شەھىرىدە ياشايدىغان باشان پادىشاھى ئوگنى ئەدرەئىدە مەغلۇپ قىلغانىدى.


بۇ شەھەرلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ئېگىز سېپىللىرى بولۇپ، سېپىل دەرۋازىلىرى بالداقلار بىلەن مۇستەھكەملەنگەنىدى. يەنە نۇرغۇن سېپىلسىز يېزىلارمۇ بار ئىدى.


بۇ جەرياندا نان يەپ باقمىغان، مەي ياكى شاراب ئىچىپ باقمىغان بولساڭلارمۇ، ئەمما پەرۋەردىگار ئېھتىياجىڭلارنى قامداپ كەلدى. بۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئۆزىنىڭ سىلەرنىڭ خۇدايىڭلار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشى ئۈچۈن ئىدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite