25 ئۆتۈنەي، مېنىڭ ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتۈپ، ئۇ تەرەپتىكى گۈزەل زېمىننى، ئاشۇ گۈزەل تاغلىق يەرلەرنى ۋە لىۋاننى كۆرۈشۈمگە نېسىپ قىلغايسەن.»
ئاشۇ كۈنى مەن ئۇلارغا ئۇلارنى مىسىردىن ئېلىپ چىقىدىغانلىقىم، ئۇلارنى ئۇلار ئۈچۈن مەن تاللىغان سۈت ۋە ھەسەل ئېقىپ تۇرىدىغان زېمىندىكى ئەڭ گۈزەل ماكانغا ئېلىپ بارىدىغانلىقىم ھەققىدە ۋەدە بەرگەنىدىم.
شۇڭا مەن ئۇلارنى مىسىرلىقلارنىڭ قولىدىن قۇتقۇزۇپ، سۈت ۋە ھەسەل ئېقىپ تۇرىدىغان بىپايان مۇنبەت زېمىنغا ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن چۈشتۈم. ئۇ يەر كەنئانلار، خىتلار، ئامورلار، پەرىززىلەر، خىۋلار ۋە يىبۇسلارنىڭ ماكانىدۇر.
ئەگەر بىزگە ئىلتىپات كۆرسەتسەڭلار، بۇ يەرلەرنى بىزگە تەقسىم قىلىپ بېرىپ، بىزنى ئىئوردان دەرياسىنىڭ قارشى تەرىپىگە ئۆتكۈزۈۋەتمىگەيسىلەر.
لېكىن سىلەرنىڭ تۈپەيلىڭلاردىن پەرۋەردىگارنىڭ ماڭا غەزىپى كېلىپ، ئۆتۈنۈشۈمگە قۇلاق سالمىدى. ئۇ ماڭا: «بولدى، بۇ ئىشنى يەنە ئاغزىڭغا ئالمىغىن.