1 _ ئاندىن بىز بۇرۇلۇپ، باشانغا قاراپ يول ئالدۇق. باشان پادىشاھى ئوگ پۈتۈن لەشكەرلىرىنى باشلاپ، ئەدرەئىدە بىز بىلەن ئۇرۇش قىلدى.
بىز بۇ يەرگە كەلگەن ۋاقتىمىزدا خەشبون پادىشاھى سىخون، باشان پادىشاھى ئوگ بىزگە ھۇجۇم قىلدى، بىز ئۇلارنى مەغلۇپ قىلدۇق.
بۇندىن ئىلگىرى مۇسا خەلقنى باشلاپ، خەشبوندىكى ئامورلارنىڭ پادىشاھى سىخوننى، ئاندىن ئاشتاروت شەھىرىدە ياشايدىغان باشان پادىشاھى ئوگنى ئەدرەئىدە مەغلۇپ قىلغانىدى.
پەرۋەردىگارغا شۈكۈر ئېيتىڭلار، ئۇ باشان پادىشاھى ئوگنىڭ جېنىنى ئالغۇچىدۇر، ئۇنىڭ مۇھەببىتى ئۆچمەس ۋە ئەبەدىيدۇر،
سەن ئەجدادلىرىمىزغا پادىشاھلىقلارنى ۋە ئەللەرنى تاپشۇردۇڭ. خەلقىڭنى ئۇ زېمىنلارنىڭ يىراق چېگرالىرىغىچە ئورۇنلاشتۇردۇڭ. ئۇلار سىخون پادىشاھنىڭ خەشبون شەھىرى ۋە ئەتراپىدىكى زېمىنىنى ھەمدە ئوگ پادىشاھنىڭ زېمىنى باشاننى ئىشغال قىلدى.
ئۇرىنىڭ ئوغلى گەبەر، ئۇ گىلئاد زېمىنىغا مەسئۇل ئىدى (گىلئاد زېمىنى بۇرۇنقى ئامورلارنىڭ پادىشاھى سىخون ۋە باشان پادىشاھى ئوگنىڭ زېمىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ). ۋەزىر ئازاريا پۈتۈن رايونلاردىكى يەرلىك ئەمەلدارلارنى باشقۇراتتى.
بۇ زېمىنلار ماخانايىم شەھىرىدىن شىمالغا قاراپ سوزۇلغان بولۇپ، باشان زېمىنى (ئوگ پادىشاھ بۇرۇن ھۆكۈمرانلىق قىلغان زېمىن) ۋە يائىرنىڭ ئىگىدارلىقىدىكى 60 يېزىنى
مەغلۇپ بولغان باشان پادىشاھى ئوگ ئاشتاروت ۋە ئەدرەئى شەھەرلىرىدە ياشايتتى. ئۇ رافاھلارنىڭ قالغانلىرىدىن بىرى ئىدى.
بىز يەنە ئۇنىڭ ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرقىدە ياشايدىغان ئامورلارنىڭ ئىككى پادىشاھى، يەنى خەشبون شەھىرىنىڭ پادىشاھى سىخون بىلەن باشان زېمىنىدىكى ئاشتاروت شەھىرىدە ياشايدىغان ئوگ پادىشاھقا قىلغان بارلىق ئىشلىرىنى ئاڭلىدۇق.
پەرۋەردىگار خۇددى ئامورلارنىڭ پادىشاھلىرى سىخون بىلەن ئوگنى يوقاتقىنىدەك، ئۇ يەردىكى ئەللەرنىمۇ يوقىتىدۇ.
ئۇنىڭ زېمىنىنى ۋە باشان پادىشاھى ئوگنىڭ زېمىنىنى ئىگىلىدى. سىخون بىلەن ئوگ ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرقىدىكى ئامورلارنىڭ ئىككى پادىشاھى ئىدى.
پەرۋەردىگار ماڭا: «ئۇنىڭدىن قورقمىغىن، چۈنكى مەن ئۇنى ۋە ئۇنىڭ بارلىق لەشكەرلىرىنى، ھەمدە ئۇنىڭ زېمىنلىرىنى سېنىڭ قولۇڭغا تاپشۇردۇم. خەشبوندا ھۆكۈمرانلىق قىلغان ئامورلارنىڭ پادىشاھى سىخونغا قانداق قىلغان بولساڭ، ئۇنىڭغىمۇ شۇنداق قىلغىن.» دېدى.
سىخون پۈتۈن لەشكەرلىرىگە باشچىلىق قىلىپ، ياھازدا بىز بىلەن جەڭ قىلدى.
ئىسرائىللار ئاللىبۇرۇن ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرقىدىكى پادىشاھلارنى مەغلۇپ قىلىپ، زېمىنلىرىنى ئىگىلىگەنىدى. بۇ پادىشاھلارنىڭ زېمىنى جەنۇبتا ئارنون جىلغىسىدىن تارتىپ، شىمالدا خەرمون تېغىغىچە ئىدى. بۇ ئىئوردان دەرياىسىنىڭ شەرقىدىكى رايوننىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالاتتى.