Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




قانۇننىڭ تەكرارى 27:6 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

6 پەرۋەردىگارىڭلار خۇداغا ئاتالغان بۇ قۇربانلىق سۇپىسى تاراشلانمىغان تاشلاردىن ياسالسۇن. ئۇنىڭ ئۈستىدە پەرۋەردىگارىڭلار خۇداغا ئاتاپ كۆيدۈرمە قۇربانلىقلارنى سۇنۇڭلار.

Gade chapit la Kopi




قانۇننىڭ تەكرارى 27:6
6 Referans Kwoze  

ئەيسا مەسىھ بىزگە مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىپ، بىز ئۈچۈن ئۆزىنى پىدا قىلغاندەك، سىلەرمۇ ھاياتىڭلاردا بىر-بىرىڭلارغا شۇنداق مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىڭلار. ئۇنىڭ بىز ئۈچۈن ئۆز جېنىنى پىدا قىلىشى خۇددى خۇش پۇراقلىق كۆيدۈرمە قۇربانلىققا ئوخشاش، خۇدانى خۇرسەن قىلدى.


ئەگەر ماڭا ئاتاپ تاشتىن قۇربانلىق سۇپىسى ياسىساڭلار، يونۇلانغان تاشتىن ياسىماڭلار. چۈنكى مەن ئەسۋاب تەگكەن تاشنى قوبۇل قىلمايمەن.


سىلەر شۇ يەردە تاشلاردىن پەرۋەردىگارىڭلار خۇداغا ئاتاپ بىر قۇربانلىق سۇپىسى ياساڭلار. تاشلارغا تۆمۈر ئەسۋاب تەگكۈزمەڭلار.


سىلەر يەنە ئامانلىق قۇربانلىقلىرىنىمۇ سۇنۇڭلار. ئۇ يەردە يەڭلار، پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانىڭ ھۇزۇرىدا شادلىنىڭلار.


ئىبادەتخانا ياساشقا ئىشلىتىلىدىغان تاشلار تاش قېزىش مەيدانىدا ئالدىن تەييارلىناتتى. شۇڭا ئىبادەتخانىنى سالغان چاغدا، ئىبادەتخانىدا بولقا، ئىسكىنە قاتارلىق ھەرقانداق بىر تۆمۈر ئەسۋابلارنىڭ ئاۋازى ئاڭلانمايتتى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite