Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




قانۇننىڭ تەكرارى 27:3 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

3 ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتۈپ، ئەجدادلىرىڭلار ئېتىقاد قىلغان پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا ئاتا قىلىشقا ۋەدە قىلغان سۈت ۋە ھەسەل ئېقىپ تۇرىدىغان زېمىنغا كىرگەندىن كېيىن، ئاشۇ ئابىدە تاشلارغا بۇ ئەمر-پەرمانلارنى پۈتۈپ چىقىڭلار.

Gade chapit la Kopi




قانۇننىڭ تەكرارى 27:3
14 Referans Kwoze  

يوشۇۋا ئىسرائىللارنىڭ كۆز ئالدىدا مۇسا پەيغەمبەرگە چۈشۈرۈلگەن تەۋرات قانۇنىنى تاشلارغا ئويدى.


ئۇ بىزنى بۇ يەرگە باشلاپ كېلىپ، سۈت ۋە ھەسەل ئېقىپ تۇرىدىغان زېمىننى ئاتا قىلدى.


«ئۇ كۈنلەردىن كېيىن، ئۇلار بىلەن تۈزىدىغان ئەھدەم مۇنداق: قانۇنلىرىمنى ئۇلارنىڭ قەلبىگە سالىمەن، ئەقلىگە قۇيىمەن.»


ئىسرائىللار مىسىردىن چىققاندىن كېيىن، ئىچىدىكى ئۇرۇش قىلالايدىغان ئەرلەرنىڭ ھەممىسى تاكى ئۆلۈپ تۈگىگۈچە، قىرىق يىل چۆل-باياۋانلارنى كېزىپ، سەرگەردان بولۇپ يۈردى. چۈنكى ئۇلار خۇداغا ئىتائەت قىلمىغانىدى. پەرۋەردىگار: «ئەجدادلىرىڭلارغا بېرىشكە ۋەدە قىلغان سۈت ۋە ھەسەل ئېقىپ تۇرىدىغان زېمىننى سىلەرگە كۆرسەتمەيمەن» دەپ قەسەم ئىچكەنىدى.


ئەگەر پەرۋەردىگار بىزدىن خۇرسەن بولسا، بىزنى ئۇ زېمىنغا باشلاپ كىرىدۇ ھەمدە ئاشۇ سۈت ۋە ھەسەل ئېقىپ تۇرىدىغان زېمىننى بىزگە ئاتا قىلىدۇ.


ھەمدە مۇساغا مۇنداق دەپ تەسۋىرلەپ بەردى: _ سەن بىزنى ئەۋەتكەن ئاشۇ زېمىنغا ئىچكىرىلەپ كىردۇق. ئۇ يەر ھەقىقەتەنمۇ سۈت ۋە ھەسەل ئېقىپ تۇرىدىغان زېمىن ئىكەن. مانا بۇ مېۋىلەر ئاشۇ يەرنىڭ مېۋىلىرى.


سەن ئۇلارنىڭ ئەجدادلىرىغا بەرگەن ۋەدەڭ بويىچە سۈت بىلەن ھەسەل ئېقىپ تۇرىدىغان بۇ زېمىننى ئۇلارغا ئاتا قىلدىڭ.


مەن سىلەرنىڭ ئەجدادلىرىڭلارغا بەرگەن سۈت بىلەن ھەسەل ئېقىپ تۇرىدىغان زېمىننى ئاتا قىلىش توغرىسىدىكى ۋەدەمنى ئەمەلگە ئاشۇردۇم. سىلەر بۈگۈن ياشاۋاتقان بۇ زېمىن دەل شۇ زېمىندۇر». مەن: _ بەرھەق، ئى پەرۋەردىگار، دېگىنىڭدەك بولسۇن! _ دەپ جاۋاب بەردىم.


بۇلارنى تۈگۈنچەككە تۆگۈپ، نىشانە سۈپىتىدە قولۇڭلارغا باغلىۋېلىڭلار، پېشانەڭلارغا ئېسىۋېلىڭلار.


مەن سىلەرگە: ‹ئۇلارنىڭ زېمىنىنى ئىگىلەيسىلەر، سۈت ۋە ھەسەل ئېقىپ تۇرىدىغان زېمىننى سىلەرگە مۈلۈك قىلىپ بېرىمەن› دېگەنىدىم. مەن سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار خۇدادۇرمەن. مەن سىلەرنى باشقا خەلقلەردىن ئايرىپ چىقتىم.


ئەي ئىسرائىللار ئاڭلاڭلار، كۆڭۈل قويۇپ ئەمەل قىلىڭلار. شۇنداق قىلساڭلار، سۈت ۋە ھەسەل ئېقىپ تۇرىدىغان زېمىندا ئىشلىرىڭلار راۋان بولىدۇ، خەلقىڭلار كۆپىيىدۇ. بۇنى ئەجدادلىرىڭلار ئېتىقاد قىلغان پەرۋەردىگار خۇدا سىلەرگە ۋەدە قىلغاندۇر.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite