12 _ ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتكەندىن كېيىن شىمون، لاۋىي، يەھۇدا، ئىسساكار، يۈسۈپ ۋە بىنيامىن قەبىلىلىرى ئەھدىگە پۈتۈلگەن بەختلەرنى تىلەش ئۈچۈن گىرىزىم تېغىدا تۇرسۇن.
بۇ خەۋەر يوتەمگە يەتكەندە، ئۇ گىرىزىم تېغىنىڭ ئۈستىگە چىقىپ، ۋارقىراپ تۇرۇپ: _ گېپىمگە قۇلاق سېلىڭلار شەكەمنىڭ ئاقساقاللىرى! ئەگەر سىلەر مېنىڭ گېپىمنى ئاڭلىساڭلار، خۇدامۇ سىلەرنىڭ گېپىڭلارنى ئاڭلايدۇ.
ئۇنىڭ جېنى تۇمشۇقىغا كېلىپ، نەپىسى توختاي دېگەندە، بالىسىغا بەنئونى [مەنىسى «قايغۇلۇق ئوغلۇم»] دەپ ئىسىم قويدى. بالىنىڭ ئاتىسى بولسا ئۇنىڭغا بىنيامىن [مەنىسى «ئامەتلىك بالا»] دەپ ئىسىم قويدى.
پەرۋەردىگاردىن يەنە بىر ئوغۇل تىلەيمەن!» دەپ، تۇغۇلغان ئوغلىنىڭ ئىسمىنى يۈسۈپ [ئىبرانىي تىلىدىكى «يەنە بەرسۇن» دېگەن سۆز بىلەن ئاھاڭداش] دەپ قويدى.
لېياھ: «مەن دېدىكىمنى ئېرىمگە توقاللىققا بەرگەنلىكىم ئۈچۈن، خۇدا مېنى مۇكاپاتلىدى» دېدى. شۇڭا ئۇ بالىنىڭ ئىسمىنى ئىسساكار [ئىبرانىي تىلىدىكى «مۇكاپات» دېگەن سۆز بىلەن ئاھاڭداش] دەپ قويدى.
ئۇ كۈنى مۇسا خەلققە مۇنداق بۇيرۇدى:
رۇبېن، گاد، ئاشېر، زەبۇلۇن، دان ۋە نافتالى قەبىلىلىرى ئەھدىگە پۈتۈلگەن قارغىشلارغا گۇۋاھ بولۇش ئۈچۈن ئېبال تېغىدا تۇرسۇن.
ئىسرائىل ئۇ يەردە تۇرغان ۋاقتىدا، ئۇنىڭ تۇنجى ئوغلى رۇبېن ئاتىسىنىڭ توقىلى بىلھاھ بىلەن بىر ئورۇندا ياتتى. ئىسرائىل بۇنىڭدىن خەۋەر تاپتى. ياقۇپنىڭ ئون ئىككى ئوغلى بار ئىدى.