10 شۇڭا پەرۋەردىگارىڭلار خۇداغا ئىتائەت قىلىڭلار، ئۇنىڭ بۈگۈن مەن ئارقىلىق سىلەرگە يەتكۈزگەن ئەمر-پەرمانلىرىغا ئەمەل قىلىڭلار.
شۇڭا، ئەرشتىكى ئاتاڭلار مۇكەممەل بولغىنىدەك، سىلەرمۇ شۇنداق بولۇڭلار.
ياق، ئەي ئىنسان، نېمىنىڭ ياخشى بولىدىغانلىقىنى پەرۋەردىگار ساڭا بىلدۈردى. پەرۋەردىگارنىڭ سەندىن كۈتىدىغىنى نېمە؟ ئۇ سېنىڭ ئادىل، رەھىمدىل بولۇشۇڭنى ۋە ئۆزىنىڭ يولىدا كەمتەرلىك بىلەن مېڭىشىڭنى كۈتىدۇ.
_ پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانى سۆيۈڭلار. ئۇنىڭ ئەمر-پەرمانلىرى، قانۇن-تۈزۈملىرىگە ھەر دائىم ئەمەل قىلىڭلار.
باشقا ئەللەر ئۆز ئىلاھلىرىنىڭ يولىدا ماڭىدۇ، لېكىن بىز مەڭگۈ پەرۋەردىگارىمىز خۇدانىڭ يولىدا ماڭىمىز.
_ سەن پۈتۈن ئىسرائىل خەلقىگە مۇنداق دەپ ئېيتقىن: «پاك بولۇڭلار، چۈنكى مەنكى پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا مۇقەددەستۇرمەن.
مۇسا ۋە لاۋىيلاردىن بولغان روھانىيلار ئىسرائىللارغا مۇنداق دېدى: _ ئەي ئىسرائىللار، جىم تۇرۇڭلار، قۇلاق سېلىڭلار. سىلەر بۈگۈن پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانىڭ خەلقى بولدۇڭلار.
ئۇ كۈنى مۇسا خەلققە مۇنداق بۇيرۇدى:
سىلەر بۈگۈن «پەرۋەردىگار بىزنىڭ خۇدايىمىزدۇر، ئۇنىڭ يولىنى تۇتىمىز، ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىپ، ئۇنىڭ ئەمر-پەرمان ۋە قانۇن-نىزاملىرىغا ئەمەل قىلىمىز» دەپ گۇۋاھلىق بەردىڭلار.
پەرۋەردىگار بۈگۈن ئۆزىنىڭ ۋەدىسى بويىچە سىلەرنى «مېنىڭ قىممەتلىك خەلقىم» دەپ ئېتىراپ قىلدى ۋە سىلەرنىڭ ئۇنىڭ بارلىق ئەمرلىرىگە ئىتائەت قىلىشىڭلارنى بۇيرۇدى.