Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




قانۇننىڭ تەكرارى 26:8 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

8 ئۇ ھەممىگە قادىر قۇدرەتلىك قولى بىلەن مۆجىزە ۋە كارامەتلەرنى كۆرسەتتى ۋە ئادەمنى ۋەھىمىگە سالىدىغان ئاپەتلەرنى پەيدا قىلىپ، بىزنى مىسىردىن قۇتقۇزۇپ چىقتى.

Gade chapit la Kopi




قانۇننىڭ تەكرارى 26:8
15 Referans Kwoze  

پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا سىلەرنى مىسىردىكى قۇللۇقتىن قۇتقۇزۇپ چىققىنىدەك، قايسى بىر ئىلاھ بىر ئەلدىن بىر خەلقنى ئۆزى ئۈچۈن ئېلىپ چىققان؟ ئۇ ھەممىگە قادىر قۇدرەتلىك قولى بىلەن ئاپەت، مۆجىزە ۋە كارامەتلەرنى كۆرسىتىپ، ئۇرۇش ۋە ئادەمگە ۋەھىمە سالىدىغان ئىشلارنى كۆز ئالدىڭلاردا پەيدا قىلىپ، سىلەرنى قۇتقۇزدى.


ئېسىڭلاردا بولسۇنكى، سىلەر مىسىردىكى ۋاقتىڭلاردا قۇل بولغانىدىڭلار. مەن پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا ھەممىگە قادىر قۇدرەتلىك قولۇم بىلەن سىلەرنى قۇللۇقتىن ئېلىپ چىقتىم. شۇڭا، مەن پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا دەم ئېلىش كۈنۈڭلارنى بەلگىلىدىم.


مۇسا ئىسرائىل خەلقىگە مۇنداق دېدى: _ بۇ كۈننى ئېسىڭلاردا چىڭ تۇتۇڭلار. چۈنكى بۇ كۈن سىلەر قۇللۇقتا ياشىغان مىسىر زېمىنىدىن يولغا چىققان كۈندۇر. بۇ كۈن پەرۋەردىگار قۇدرەتلىك قولى بىلەن سىلەرنى مىسىردىن ئېلىپ چىققان كۈندۇر. شۇڭا سىلەر ھەر يىلى مۇشۇ كۈنى خېمىرتۇرۇچ ئارىلاشتۇرۇلغان ھەرقانداق يېمەكلىكنى يېمەڭلار.


پەرۋەردىگار مانا شۇ كۈنى ئىسرائىللارنىڭ ھەرقايسى قەبىلىلىرىنى مىسىردىن ئېلىپ چىققانىدى.


دەل 430 يىل توشقان كۈنى پەرۋەردىگارنىڭ خەلقى بولغان ئىسرائىللارنىڭ ھەرقايسى قەبىلىلىرى مىسىردىن چىقتى.


ئىسرائىللار رەمسېس شەھىرىدىن سۇككوت شەھىرىگە قاراپ پىيادە يولغا چىققان ۋاقتىدا، ئاياللار بىلەن بالىلارنى ھېسابقا ئالمىغاندا پەقەت ئەرلەرلا ئالتە يۈز مىڭ كىشى ئىدى.


قۇدرەتلىك قول مۇسانىڭ ئوڭ يېنىدا ھەرىكەت قىلاتتى، ئۇ خەلقنىڭ ئالدىدىكى دېڭىز سۈيىنى ئىككىگە ئايرىپ، ئۆزىنىڭ مەڭگۈلۈك نامىنى قالدۇرغانىدى.


شۇڭا سەن بېرىپ، ئىسرائىللارغا سۆزلىرىمنى يەتكۈز: «مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن، سىلەرنى مىسىرلىقلارنىڭ ئېغىر ئەمگەكلىرىدىن ئازاد قىلىمەن، قۇللۇقتىن قۇتۇلدۇرىمەن. مەن ھەممىگە قادىر قولۇم بىلەن سىلەرنى قۇتقۇزىمەن، مىسىرلىقلارنى قاتتىق جازالايمەن.


ھېچكىم مۇساغا ئوخشاش پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بىلەن مىسىرغا بېرىپ، پۈتۈن زېمىندا، پىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ ئەمەلدارلىرى ئالدىدا مۆجىزە-كارامەتلەرنى كۆرسىتىپ باقمىدى.


پۈتۈن ئىسرائىل خەلقىنىڭ ئالدىدا ھېچكىم مۇساغا ئوخشاش قۇدرىتى، بۈيۈكلۈكى ۋە ئاجايىپ كارامىتىنى نامايان قىلىپ باقمىدى.


سەن مۆجىزە ۋە كارامەتلىرىڭ بىلەن مىسىرلىقلارنى ئالاقزادە قىلدىڭ، سەن ھەممىگە قادىر قۇدرەتلىك قولۇڭ بىلەن خەلقىڭ ئىسرائىللارنى مىسىردىن ئېلىپ چىقتىڭ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite